30‏-ئاۋغۇست «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى

كىشىلەرنى ئۆز رازىلىقى بولمىغان ئاساستا بۇنداق مەجبۇرىي ھالدا غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشى خەلقئارادا «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» دەپ ئاتالماقتا.

0:00 / 0:00

بۈگۈن 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش ياكى غايىب قىلىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنى. بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قارمىقىدىكى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى» بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن باياننامە ئېلان قىلدى. ئۇلار جەنۋەدىن ئېلان قىلغان باياننامىسىدە، بۇ كۈننى «غايىب بولغانلار» كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق، بۇ رەزىل جىنايەتكە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «مەجبۇرى يوقىتىۋېتىش ياكى غايىب قىلىۋېتىش» ۋاسىتىسى ھاكىممۇتلەق تۈزۈملەردە ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەمەلگە ئاشمىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان پىكىرلىكلەر، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەننىڭ سىرتىدا يەنە، نۆۋەتتە بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەردىمۇ نامايىش ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇلى قىلىۋېلىنغان. بۇ كىشىلەر ھېچكىم بىلمەيدىغان مەخپىي ئورۇنلاردا، قارا تۈرمىلەردە قانۇنسىز ھالدا، ھېچقانداق سوتنىڭ قارارى بولمىغان ئاساستا تۇتۇپ تۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەتتا تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارمۇ مەۋجۇت. مەزكۇر ئورگان دوكلاتىدا، مەيلى نېمىلا سەۋەب بولسۇن، بۇنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى، غايىب بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش» مەسىلىسى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» ئۇسۇلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ جىق ئىشلىتىپ كەلگەن بىر باستۇرۇش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر قۇربان بەرگۈچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن باياناتىدا، ھەرقانداق بىر كىشىنى، ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن قانۇنسىز ھالدا ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئېغىر بىر قانۇنسىزلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر دەخلى-تەرۇز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار مەيلى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش، ياكى جىنايى گۇرۇپپىلارنى تارمار قىلىش ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرۇش باھانىسى بىلەن بولسۇن، ھېچقانداق بىر سەۋەب بىلەن كىشىلەرنى بۇنداق بىر ئۇسۇلدا جىمىقتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ چوقۇم جازالىنىپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ئاياقلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا قاراشلىق بولغان «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش مەسىلىلىرى» خىزمەت گۇرۇپپىسى 1980-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرقايسى ئەللەردىكى مۇشۇ خىل ئەھۋالغا دۇچار بولغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا ياردەملىشىش، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈش، غايىب بولغۇچىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش، ئۇلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇلار يەنە بۇ نۇقتىدا چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلاشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مانا بۇ ئورگانلارنىڭ بىرى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب بولغانلارنىڭ مەسىلىسى ۋە 2009-يىلى 12-ئايدا كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا يېقىندا قازاقىستاندىن قايتۇرۇلغان ئەرشىدىن ئىسرائىل ۋە پاكىستاندىن قايتۇرۇلغان 5 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە كۆپ قېتىم دوكلات تەييارلاپ «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش مەسىلىلىرى» كومىتېتىغا ئوخشاش ئالاقىدار ئورگانلارغا يوللاش ئارقىلىق، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا چاقىرىق چىقىرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئەمما دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە غايىب بولغۇچىلارغا ئائىت ئۇچۇرلار تولۇق بولمىغانلىقتىن، بۇنىڭ خەلقئارادا ئاشكارىلىنىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي ھالدا ئىز-دېرەكسىز غايىب قېلىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى يۈز مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «خەتەرلىك» دەپ قارىلىپ ئۆيىدىن مەجبۇرىي ئەپ كېتىلگەن ۋە ئىز-دېرىكى يوق قېلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر. نۆۋەتتە بۇ كومىتېت غايىب بولغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ياردەمگە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.