كامبودژادىن قايتۇرۇلغان تۇتقۇن مەمتىلى روزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئائىلىسىدىكىلەرنى جىددىي ئەندىشىگە سالماقتا

بەش بالىسى بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالغان گۈلباھار سادىق كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئېرى مەمتىلى روزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنى ياردەمگە چاقىرماقتا.

0:00 / 0:00

بىر يىلنىڭ ئالدىدا كامبودژادىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلاردىن بىرى مەمتىلى روزى، كامبودژاغا چىقىشتىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال، گۇاڭجۇدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بىر قولى سۇنۇپ كەتكەن، داۋالىنىش جەريانىدا سۇنۇپ كەتكەن قولىغا 3 دانە تۆمۈر پارچىسى سېلىپ تېڭىلغان؛ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بۇ تۆمۈر پارچىلىرى، بۇ يىل 2 ‏-ئايدا بىلىكىدىن ئېلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئەمما، بۇ ۋاقىتتىن ھازىر 10 ئاي ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، مەمتىلى روزىنىڭ ئائىلىسى مەمتىلى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن. دوختۇر ئەينى چاغدا، ئەگەر تۆمۈر پارچىلىرى ۋاقتىدا ئېلىۋېتىلمىسە، تېڭىلغان قولنىڭ سېسىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىغىمۇ خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا مەمتىلى روزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەمتىلىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا ۋە ئالاقىدار ئورۇن ۋە جەمئىيەتلەرنى ياردەمگە چاقىرماقتا.

مەمتىلى روزى بۇ يىل 34 ياش بولۇپ، يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ۋە غۇلجا شەھىرىدە چوڭ بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ناۋايلىق ھۈنىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىنىڭ خىتاي بازىرىدا ناۋايلىق قىلغان. كېيىن ئۈ، غۇلجىدا چېگرا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ،، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشكە باشلىغان؛ 1997 ‏‏-يىلى 5 ‏-فېۋرال ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىپ 15 كۈن قاماپ قويۇلغان. 2000 ‏-يىلى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىنىپ 3 يىللىق كېسىلگەن. جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە يېنىپ كېلىپ دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە، ئارقىدىن گۇاڭجۇدا ناۋايلىق دۇكىنى ئاچقان. ئۇ ناۋايلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ، بىر بىلىكى سۇنۇپ كەتكەن.

2009 ‏-يىلىدىكى 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، گۇاڭجۇدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋەقەگە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان. مانا بۇ چاغدا ئۇ يەنە بىر ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇشتىن ئەندىشە قىلىش سەۋەبىدىن ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمتىلى روزى كامبودژادىن قايتۇرۇلغان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە، قەشقەردىكى تۈرمىدە قامىلىپ ياتماقتا. خىتاي ساقچى ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

بەش بالىسى بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالغان گۈلباھار سادىق يولدىشىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنى ياردەمگە چاقىرماقتا.