يىغىننى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بىلەن نەۋشەھىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىراق تۈركمەنلىرى، ئاغىسكا تۈركلىرى، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ماكادونىيە، تاتارىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى شۇنىڭدەك يەنە نەۋشەھىر ۋالىسى ئوسمان ئايدىن، ئورگۈپ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى فاھرى يىلدىز قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نەۋشەھىر شەھىرىنىڭ ۋالىسى ئوسمان ئايدىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا 62 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ قېرىنداش مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار، تاتارلار، بوسنىيەلىكلەر دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسىدە دۆلەتنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىش روھى بارلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىدە خەلق دۆلەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئوخشاش بىر تۈزۈمگە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، بىر دۆلەت دېموكراتىيلەشكەنسېرى ئۇنىڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنىڭمۇ ئازىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كېيىن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر سۆز قىلدى. ئۇ "مەتبۇئات ۋە ئىنسان ھەقلىرى "تېمىسىدىكى بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرغان بۇ يىغىنىمىز مەتبۇئات ۋە ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يىغىننى چاقىرىشىمىزدىكى ئاساسىي مەقسەت بۇ يىل 12-ئاينىڭ 10- كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىغا 62 يىل بولغان كۈن. ئەمما بۇ خىتابنامىنىڭ ئەمەلىيلىشىدە ناھايىتى زور مەسىلىلەر مەۋجۇت. بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا يەر ئېلىشى كېرەك. ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن جامائەت پىكرى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەتبۇئاتلارنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى قانداق قىلىپ مەتبۇئاتلارغا ئېلىپ چىقىمىز دېگەن مەسىلىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز".
كېيىن تاتارىستانلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى روزا قۇربان خانىم "تاتارىستان مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن قازان تاتارلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"تارىخ بېتىگە ئۆز ئىسمىنى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازدۇرغان قازان تاتارلىرى بىر ۋاقىتلاردا ئىمپېرىيىلەر قۇرغان، تىللاردا داستان بولغان بىر مىللەت ئىدى. 1552-يىلى، 10-ئايدا بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشى باشلانغان. بۇ كۈرەش جەريانىدا ئون مىڭلارچە تاتار شېھىت بولغان بولسىمۇ تاتارلار ھەقلىق داۋاسىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا. تاتارىستان 1990-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تاتارىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلمىدى. ھازىر تاتارىستاننىڭ نوپۇسى 3 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، نوپۇسىنىڭ %51 پىرسەنتى تاتارلاردىن تەركىب تاپقان. 1990- يىللاردا تاتارىستان ئاساسىي قانۇنى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، تاتارلارغا ئىنتايىن زور ھەقلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، 2000- يىللاردا پۇتىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن تاتارلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنى تېزلەتتى. 1948-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىغا رۇسىيە قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتابنامىگە خىلاپلىق قىلماقتا. كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە كۆپ ساندا تاتار ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قولغا ئېلىندى. مەتبۇئاتلاردا تاتارلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىش مەنئى قىلىندى. تاتار مەكتەپلىرىدە ئانا تىلدا مائارىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تاتارلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى تارتىۋېلىندى. 1998-يىللىرىغىچە بەك كۆپ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن تاتارلار كېيىنكى 10 يىلدا بۇ ھەقلىرىنى قولىدىن تارتقۇزۇپ قويدى. تاتارىستاندىكى بۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ يەر بېرىشىنى ھەم تۈركىيىنىڭ تاتارلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز".
كېيىن تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئايفەر ئاقسۇ خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئىنسان ھاياتىدا بولمىسا بولمايدىغان شەرتلەر بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىنىڭ ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كېيىن ماكادونيا ئۇفۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەنەس ئىبراھىم سۆز قىلىپ،
تۈركلەرنىڭ ماكادونىيىدە نوپۇس جەھەتتىن 3- چوڭ مىللەت ھېسابلانسىمۇ، لېكىن دۆلەتتە ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە ئەمەسلىكى، بۇ مەسىلىنى ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغىچە ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى دوكلات بەردى.