. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن " ئوباما ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرسال ئەركىنلىكىنى قوغداشنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراتقان ئاشكارا ۋە مەخپىي دىپلوماتىيىسىنىڭ مەركىزى قىلىشى كېرەك."
دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ 1989 - يىلىدىن بۇيان پەقەت ياخشىلانمىغانلىقى، ھەتتا بەزى ھاللاردا ناچارلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ھەقتە توختالغان دوكلات ئاپتورى ۋالتېر لوھمان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز نوپۇزى ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت ئاجراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى " خىتاي ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۆزىنىڭ رېجىمىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولدى."
ۋالتېر لوھمان باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان "مىراس" فوندى جەمئىيىتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۆۋەن قاتلامدا كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە بەزى ئەركىنلىكلەرنى يارىتىپ بېرىپ، ئۆز رېجىمىنى ساقلاپ قېلىشقا شارائىت ھازىرلىغان، ئەمما پۇقرالارغا باشقا جەھەتلەردە ھېچقانداق ھوقۇق بېرىلمىگەن.
ۋالتېر لوھمان، "سىياسىي ھوقۇق جەھەتتە دەل ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنىڭ ئەكسىچە بولدى. ئەگەر كىشىلەرگە سىياسىي ھوقۇق بېرىلسە، ئۇلار قانۇنىي جەھەتتىن ھۆكۈمەتنى سوراققا تارتالايدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلاشتۇرالايدۇ" دېدى.
بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىي شاجەفىسكىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلانماسلىقىدا ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى خىل سەۋەب بار ئىكەن.
ھېنرىي شاجەفىسكى مۇنداق دېدى: "ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ھەرقانداق جەھەتتە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلانمايدۇ. ئەگەر خىتايدا باشقىلارنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىش ھوقۇقى بولغان ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنى سوراق قىلىش ھوقۇقى بولغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز رېجىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ھوقۇقىنى بۇنچىلىك بىمالال دەپسەندە قىلالمىغان بولاتتى."
ھېنرىي شاجەفىسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلانماسلىقىدىكى تاشقى سەۋەب بولسا خەلقئارا بېسىمنىڭ ئىزچىل بولماسلىقى ئىكەن.
دوكلات 23 - ئاۋغۇست ئېلان قىلىندى. دوكلاتقا، " خىتايدىن خىتايدىكى كۆڭۈلسىز كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە جاۋاب ئېلىش كېرەك" نام بېرىلگەن. دوكلات جەمئىي 13 بەت. دوكلات، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2009 - يىلى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئاساسىدا، بىر چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى خاراكتېرىدە يېزىلغان.
دوكلاتتا، خىتايدىكى كىشىلىك خاتىرىسىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قاراپ چىقىلغان بولغاچقا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات بېرىلمىگەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: "1998 - يىلىدىن باشلاپلا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە برىتانىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خىتايچە، ئۇيغۇرچە ۋە تىبەتچە ئاڭلىتىشلىرىنى ئىزچىل توسقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى."
ھېنرىي شاجەفىسكى مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۇقىرىقىدىن باشقا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى بەك سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى. خىتايلارمۇ بۇ رايوننى خىتاي دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ نېگىزى دەپ سۈرەتلەۋاتىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئامېرىكىغا جايلاشقان بىر تەشكىلات بۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى."
دوكلات ئاپتورى ۋالتېر لوھماننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دوكلات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتقا ئاساسەن تەييارلانغانلىقى، دوكلاتتا ئۇيغۇر ھەققىدە ئۇچۇرلار بولسىمۇ، مەخسۇس بۆلۈم ئاجرىتىلمىغاچقا ئۆزلىرى تەييارلىغان دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئازراق توختىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان.
"بۇنداق قىلىشىمىزدا ئەلۋەتتە قەستەنلىك يوق. بىز ئۆتكەندە رابىيە قادىرنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدۇق. بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. دوكلاتقا بىز بۇلارنىڭ ھەر بىر تەرەپلىرىنى كىرگۈزۈشكە ئامالسىز قالدۇق."
ۋالتېر لوھمان ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ناچار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مىراس فوندى جەمئىيىتى 1973 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلىك ئەركىنلىك، ئەنئەنىۋى ئامېرىكا قىممەت قارشى جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان جەمئىيەتتۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.