بۈگۈنكى تارقىتىش مۇراسىمىغا نورۋېگىيىنىڭ پادىشاھى ۋە خانىشى، باش مىنىستىرى ۋە خانىمى ۋە ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، بىر قىسىم پارتىيىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق سىياسىيونلار، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى شۇنداقلا ھوللىۋوت چولپانلىرى قاتناشتى. بۈگۈنكى مۇراسىمغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ياردەمچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەرمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئالدى بىلەن پادىشاھ ۋە خانىشنىڭ مۇراسىم زالىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشى ئۈچۈن پادىشاھلىق مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندىغان قىسقا مۇزىكا بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن داڭلىق ناخشىچى مارىتا كۋارۋىڭ سøلبەرگ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋە مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ناخشا ئورۇندىدى.
نوبېل كومىتېتىنىڭ باشلىقى تھوربجøرن جاگلاند مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلانغان ئالاھىدە نۇتقىدا ئالدى بىلەن مۇنداق دېدى "ئالىيلىرى، خانىش، ئەپەندىلەر ۋە خانىملار نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلغۇچى ليۇ شاۋبوغا بېرىشنى قارار قىلدى. نوبېل كومىتېتى ئەزەلدىنلا ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تىنچلىق زىچ باغلىنىشچانلىققا ئىگە دەپ قارايدۇ. ئالفرەد نوبېلئۆز ۋەسىيەتنامىسىدە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەملەرنىڭ زوراۋانلىقتىن خالى بولغان قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان
بىز بۈگۈن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ نەق مەيداندا بولالمىغانلىقى ئۈچۈن مېھمانلاردىن ئەپۇ سورايمىز. ئۇ ھازىر خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تۈرمىدە تەنھا ئولتۇرماقتا. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شيا ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمۇ بۇ سورۇندا بىز بىلەن بىرگە بولالمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن مېدال ۋە دىپلومنى ھېچكىمگە تاپشۇرالمايدىغان بولدۇق. بۇ پاكىت شۇنى چوڭقۇر چۈشەندۈردىكى، بۇ مۇكاپات ئۆزىنىڭ تېگىشلىك جايىنى تاپتى. بىز ليۇ شاۋبونى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بىلەن تەبرىكلەيمىز.
ئىلگىرىمۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالالمايدىغان ھادىسىلىرى نەچچە قېتىم كۆرۈلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ھادىسىلەر بۇ مۇكاپاتنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ۋە شان -شەرىپىنىڭ زورلۇقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. نوبېل كومىتېتى ئەزەلدىنلا ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە تىنچلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆزلەپ كەلدى. ئىنسانلارغا شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا ئادەملەر ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلاردىن بەزىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن خېيىم-خەتەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ليۇ شياۋبو بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. شۇنداق ئېيتالايمىزكى، خىتاي ۋە ئۇنىڭدىكى 1مىليارد 300مىليون خەلق ئۆز تەقدىرىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. ئەگەر بىر دۆلەتتە بازار ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن پۇقرالارنىڭ تولۇق ھەق-ھوقۇقى ئوخشاش يۆلىنىشتە تەرەققىي قىلغان بولسا، ئۇ، بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن ئاكتىپ بولغان قىممەتكە ئىگە بولىدۇ،ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر ئۇ دۆلەتكە سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇ ليۇ شياۋبونىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىم مۇتلەق پارتىيە بولغاچقا، دۆلەت ئىچىدە مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە تەڭلىك بەلگىسى قويمايدۇ. خىتايدا ئۆزگىرىش بولۇشىغا بەك ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ، چوقۇم سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. خىتايدا كۆپ قېتىملىق ئىنقىلاب ئۆزگەرتىشى ئېلىپ بېرىلدى.
لېكىن، ھەممىسى قالايمىقانچىلىق بىلەن نەتىجىلەندى. بىر جەمئىيەتتە نىشان كۆپ خىللىشىشقا قاراپ غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن بولسا، ھۆكۈمەت ئومۇمى جەمئىيەتنى ئۇزۇن مەزگىل كونترول قىلىپ تۇرالمايدۇ. ھاكىمىيەت قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر شەخس ئۆز ھاياتى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىشى كېرەك. چۈنكى، شەرەپلىك ھاياتنىڭ قىممىتى بولىدۇ.
مۇكاپات تارقىتىلىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما "ليۇ شياۋبو بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا مېنىڭدىنمۇ بەك ئەرزىيدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى مۇمكىن قەدەر تىز قويۇپ بېرىشى كېرەك دەپ ئېيتقان.
مۇراسىمغا قاتنىشىپ چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.