' ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش' سىياسىتىنىڭ مەخپىي يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

ئۇيغۇر "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" دولقۇنى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي ئاخباراتلىرىدا 2008 - يىلى باھاردىن كېيىن تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

قارىماققا خىتاي دائىرىلىرى ھەدەپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندەك، ئۇيغۇر قىزلىرى ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ ئىشلەش قىسمىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى.

ھالبۇكى، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل سىياسەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشنى توختاتقان ئىكەن.

سىرتلارغا يۆتكەلگەن ئەمگەكچىلەر قېتىم سانى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" سىياسىتىنى 2006 - يىلدىن باشلاپ كەسكىن يۈرگۈزۈپ، باشقا جايلارغا يۆتكىلىدىغانلار سانىنى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغانلار سانىنى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

2008 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەلگەن دېھقان ئەمگەكچىلەر قېتىم سانى خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى پىلان قىلغان ساندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان بولۇپ، شىنجاڭ گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەنلياڭ 2009 - يىلى 7 - يانۋار ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا 2008 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا سىرتلارغا يۆتكەلگەن دېھقان ئەمگەكچىلەرنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە قانچە پىرسەنتىنىڭ مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكى تېخى مەلۇم ئەمەس.

بۇ سىياسەت ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەرخىل ئىنكاسلارنى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى قوزغىغان بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن بەزى قىزلارنىڭ بېشىغا ئادەم بېدىكلىرىگە ئالدىنىپ كېتىش ۋە ياكى ناشايان ئىشلارغا زورلىنىشقا ئوخشاش قىسمەتلەرنىڭ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايىلەرمۇ مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى.

نۆۋەتتە پەقەت بىر زاۋۇتتىلا 800 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى بار

ھالبۇكى، 2008 - يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ خىتاي ئاخباراتلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر قوشۇنى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى.

ئەمما بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەتنى مەخپىي يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان مەلۇم بىر زاۋۇتتا نۆۋەتتە 800 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ زاۋۇتتا خېلى بۇرۇنلا ئىشلەشنى باشلىغان بولسا ،كۆپ قىسىم بالىلار 2008 - يىلى ئاپرىلدا كېلىپ يەرلەشكەن.

مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەندىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، زاۋۇتنىڭ ئېنىق ئادرېسى، بىزگە ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ نام شەرپى ۋە يۇرتى ھەققىدە ئېنىق كۆرسىتىلمىدى.

يۇرتىغا قايتۇرۇلغانلارمۇ قايتىدىن ھەيدىلىشكە باشلىغان

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ زاۋۇتتا ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر بالىلار ئىشلىگەن بولۇپ، ئەمما كۆپىنچىسى 2008 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئۇيغۇر يېزىسىدىن 3 تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ كېلىنگەن.

بىز كۆرۈشكەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇلار ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتا بۇرۇن ئىشلىگەن ئەمما ، سالامەتلىكى يار بەرمەي يۇرتىغا قايتۇرۇلغان قىزلارمۇ يەنە قايتىدىن خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھەيدىلىشكە باشلىغان.

مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تۇرۇشلۇق زاۋۇتتىن ئىككى سائەت يىراقلىقتا يەنە بىر زاۋۇتتا نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلىرى ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بالىلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار ئىكەن.

بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ، ئانا يۇرتىدىن شۇنچە يىراقتىكى يات بىر يېزىدا مۇساپىرلىق ئازابى، روھى ۋە ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرۇشىغا نېمىلەر سەۋەب بولدى؟ بۇلار بۇ زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىن قانداق قىسمەتلەرگە يولۇقتى؟ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى باشقا يۇرتلارغا ھەيدەش سىياسىتىنىڭ ئارقىسىغا قانداق غەرەزلەر يوشۇرۇنغان؟

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئاڭلىتىمىز.