غۇلجىدا بىر ئۇيغۇر ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئايالى چۈمبەل تارتىدىغان بىر ئۇيغۇرنى ساقال قويغانلىقى سەۋەبىدىن خۇراپاتلىق بىلەن ئەيىبلەپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي قىياپەتنى جىنايەت ھېسابلاپ، ئۇيغۇر دىندارلىرىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىنىڭ بىرىدۇر.

0:00 / 0:00

بۇ يىل 52 ياشلاردىكى نۇرتاي مەمەت غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭى ھايات مەھەللىسىدە ئولتۇرىدىغان شەھەر نىمكارلىرىدىن بولۇپ، تامچىلىق ۋە قوشۇمچە كىراكەشلىك قىلىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر ئائىلىنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن غۇلجا شەھەرلىك ج خ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ خۇراپاتلىق قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىق نىزامىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

2007‏ - يىلى غۇلجا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت ئاچقان. سوت مەھكىمىسى ج خ دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى ئورۇنلۇق دەپ قاراپ، ئۇنى خۇراپاتلىق قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان ھەم شۇ ئاساستا 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. نۇرتاي مەمەتنىڭ ئايالى خالىدە خانىم رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمى ھەققىدە توختالدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقال - بۇرۇت قويۇش مۇسۇلمانلاردا سۈننەت دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، نۇرتاي مەمەتنىڭ دېلوسى خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىسلامدىكى بەزى سۈننەتلەرنى خۇراپاتلىققا باغلاپ، "جىنايەت" ئورنىدا جازالاۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىدە نۇرتاي خۇراپاتلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ "جىنايەت" شەكىللەندۈرىدىغان قانداق كونكرېت ئىش - ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

خالىدە خانىم سوتنىڭ ھۆكۈمىدىكى خۇراپاتلىق "جىنايىتى" پەقەت نۇرتاي مەمەتنىڭ ساقال قويغانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ نۇرتاي مەمەتنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى سەۋەبلەردىن يۇقىرى دەرىجىلىك سوت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىشقا ماغدۇرى يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرتاي مەمەتنىڭ جازا مۇددىتى توشۇشقا يەنە 2 يىل ۋاقىت بار. ئۇ جازا مۇددىتىنى شىخودىكى بىر تۈرمىدە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، خالىدە خانىم ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 3‏ - ئايدا كۆرۈشۈپ كەلگەن. خالىدە يولدىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى پەقەت 3 مىنۇتلا كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر نۇرتاي مەمەتنى خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 62 - ماددىسىغا ئاساسەن جازالىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار دىنىي ئەركىنلىككە مۇناسىۋەتلىك دىلولارنى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا سېلىپ جازالاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، دېلونىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىز مەزكۇر دېلوغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يېڭى ھايات ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونغا چىققان نۆۋەتچى خادىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ تۈرلۈك سىياسى ياكى دىنىي دىلولارنى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىدىن سورىشىمىز كېرەك ئىكەن.

خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا، خىتاينىڭ تىنچ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئاجراتماي، قارا - قويۇق باستۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈرلۈك تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قانۇنى كاپالەتكە ئىگىلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا "دىنىي ئەركىنلىك كۆك تاشلىق كىتابى" ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى، غۇلجا شەھەرلىك سوتنىڭ نۇرتاينى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا سېلىپ جازالىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ، لېكىن بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە نۇرتايغا بېرىلگەن جازانىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ ساقال - بۇرۇت قويغانلارنى جازالاشتىكى مۇددىئاسى دەپ كۆرسەتتى. ئەنۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ چۈمبەل تارتقان ئاياللار، ساقال - بۇرۇت قويغان كىشىلەرنى خۇراپاتلىق بىلەن ئەيىبلەپ جازالىشىدىكى مۇددىئاسى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىسخىلوگىيىلىك بېسىمنى كۈچەيتىشتۇر.

خالىدە خانىم ئەينى چاغدا يولدىشىنىڭ سوتىغا قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا يۈزىگە چۈمبەل تارتىپ يۈرۈدىغان دىندار ئاياللاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەيدانىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. لېكىن، خالىدە خانىم ھازىر چۈمبىلىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئاساسىي قاتلام ۋە ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ پات - پات ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بارغان - كەلگەن يەرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.