2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا تىكىلگەن بىر چاغدا، مۇسابىقە باشلىنىشتىن تۆت كۈن بۇرۇن، يەنى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەر سەمەن يولىدا ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھىمىت ئىسىملىك ئىككى پىدائىي قەشقەر چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، 17 ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، 15 ساقچىنى يارىلاندۇرۇشتەك ھەيران قالارلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 29 ياشلىق قۇربانجان ھىمىت بىلەن 33 ياشلىق ئابدۇراخمان ئازادلار قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 88044042-نومۇرلۇق ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلاش ھۆججىتى ھەم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوتچىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئىمزاسى بىلەن 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قەشقەر تەنتەربىيە سارىيىدا ئېچىلغان ئوچۇق سوتتا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، شۇ كۈنى شېھىت بولغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىدە ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھىمىتلەرنىڭ جىنايەتلىرى مۇنداق بېكىتىلگەن: «جاۋابكار ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھىمىتلەر زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانۇنسىز ھالدا 11 دانە پارتلاش قۇرۇلمىسى، ئىككى دانە قورال، كۆپ مىقداردا ئوق ياساپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. بۇ ئىككىسىنىڭ قىلمىشلىرى قانۇنسىز قورال، ئوق-دورا، پارتلاتقۇچ بومبا ياساش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ».
ھۆكۈمنامىدە يەنە شۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ئىككى جاۋابكار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە خەلقئارادا قەبىھ تەسىر پەيدا قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئالدىن سۇيىقەست پىلانلاپ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مەشىق لىنىيىسى ۋە ۋاقتىنى كۆپ قېتىپ كۆزىتىپ ھەمدە جىنايەت قوراللىرىنى ھازىرلاپ، يۈك ماشىنىسى بىلەن باستۇرۇش، خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈرۈش ۋە پارتلىغۇچ بۇيۇملار بىلەن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قوراللىق ساقچى ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، قىلمىشلىرى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ».
ھۆكۈمنامىنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر ئىككى جاۋابكارنىڭ قىلمىشى 17 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 15 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جىنايەت ئۇسۇللىرى پەۋقۇلئاددە قەبىھ، قوللانغان ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن شەپقەتسىز، جەمئىيەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى غايەت زور، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىشى كېرەك».
گەرچە ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھىمىتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورچى» ئاتىلىپ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى سەمەن يولى ۋەقەسى يۈز بەرگەن 2008-يىلى 4-ئاۋغۇست كۈنىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى قەھرىمانلىق بايرىقى بىلىپ ھۆرمەتلىدى ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە ئاتاپ شېئىر، ھېكايە، داستانلارنى يېزىشتى.
ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم بۈگۈن بۇ ئىككى پىدائىينى دۈشمەن كۈچلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن مىللىي قەھرىمان، دەپ ئەسلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى ۋە شاۋگۇەن ۋەقەسىدە ئېرىدىن ئايرىلغان بىر ئانا نامىدىن ئۆتكەن يىلى بۇ ئىككى ئۇيغۇرغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇندى.
ئۇ زىيارىتىمىزدە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى دۈشمىنى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەندىلا غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. دۈشمىنىمىز خىتاي ئۈستىدىن بىز ھازىر ئىقتىسادى قۇۋۋەتتە غالىپ كېلەلمەيمىز، دىپلوماتىك كۈرەشتە غالىپ كېلەلمەيمىز، سىياسىي كۈرەشتە غالىپ كېلەلمەيمىز، ھەربىي كۈچ جەھەتتە غالىپ كېلەلمەيمىز. بىزنىڭ غالىپ كېلەلەيدىغان يولىمىز ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھىمىتنىڭ تۇتقان يولىدۇر. بۇ ئىككى ئەزىمەت ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنى بەدىلىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىر مەملىكەتنىڭ دۆلەت نوپۇزى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتاينىڭ يولغا قويغان شۇقەدەر كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى دۇنيا جامائىتى ئالدىدا مەسخىرە قىلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەممە جەھەتتىن ئاجىز بولسىمۇ، ئىرادە جەھەتتىن خىتايدىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئالەمگە جاكارلىدى. مۇھىمى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بەختكە يارىشا، بۇنداق قەھرىمان ئوغلانلار ۋەتىنىمىز تۇپراقلىرىنىڭ ھەر يەرلىرىدە بارغانسېرى كۆپ پەيدا بولۇۋاتىدۇ. 18-ئىيۇل خوتەندە، 30-31 _ ئىيۇل قەشقەردە بۇلارنى كۆردۇق. مانا بۇ، مۇستەقىللىقىمىزنى ئەڭ زور ئۈمىدكە ۋەسلى قىلىدىغان ئاساسى ئامىل.»
مەن تۆۋەندە سەمەن يولى ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى يازغان بىر شېئىرىمنى ئوقۇپ بېرەي:
ئانىنىڭ تىلىكى
رازى بولسۇن دېسەڭ گەر ئانام،
شېھىت كەتكەن رەھمەتلىك ئاتام،
ئابدۇراخمان، قۇربانجان كەبى،
جەڭچى بولۇپ يېتىلگىن بالام.
ئاتاڭ ئۆلدى دۈشمەن قولىدا،
جەسەتنىمۇ بەرمىدى كاپىر!
ياشىمىساڭ قىساس يولىدا،
ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلماس ئاخىر…
قوشۇۋالسام قاتارغا سېنى،
مەنمۇ جەڭگە تەييار بولىمەن!
بوش كەتمەيدۇ ئاتاڭنىڭ قېنى،
قىساس ئېلىپ راھەت ئۆلىمەن…
ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر ئۈلگىسى،
ئابدۇراخمان، قۇربانجان دېمەك.
ھەممە ئىنسان ئاخىر ئۆلگۈسى،
لېكىن ئۇنداق ئۆلمەكتۇر بۆلەك!
داھىي بولۇپ ياشايمەن دېمە.
ھوقۇق ئىستەپ بولما ئاۋارە.
شان-شەرەپنىڭ غېمىنى يېمە،
نەپسىڭ ئۈچۈن بولما بىچارە.
«ئاسماندىكى ئاي بولىمەن» دەپ،
خام خىيالدا ئېزىپ يۈرمىگىن.
«پۇلى سانسىز باي بولىمەن» دەپ،
ھارام يولدا كېزىپ يۈرمىگىن.
شەرىئەتتە قىساس پەرزدۇر.
ئال ئاتاڭنىڭ ئەنتىنى تولۇق.
ئەل-ۋەتەننىڭ ھەققى قەرزدۇر،
ئادا قىلغان ھەممىدىن ئۇلۇغ!
سەمەن يولى ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقى ھارپىسىدا خوتەن ۋە قەشقەر دىيارىدا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر پىدائىيلىرى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پۇقرالىرىغا قارشى ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھىمىتلەرگە ئوخشاش زورلۇق ۋاسىتىلىرىگە تايانغان زور ھادىسىلەرنى سادىر قىلدى. گۇگۇل تورىدا بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يېتىپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىيالپەرەسلەردىن باشقا ھېچ بىر كۈچ، بولۇپمۇ ھېچبىر ئۇيغۇر ئۇلارنى «تېررورىست» دەپ ئەيىبلىمىدى. نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ نەزىرىدىكى«تېررورچىلار» ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە قەھرىمانغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟