خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قۇربان بولغان تىبەتلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىزسىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش شۇنداقلا شام ياندۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىدىن ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلەر 21 گە يەتكەندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان سىچۈەندىكى تىبەتلەر نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش جەريانىدا 6دىن ئارتۇق تىبەتنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 60 تىن ئارتۇق تىبەتنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم.
دۇنيانى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نىداسى قاپلىدى
سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى باشلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى، يانۋارنىڭ ئاخىرلىرى دۇنياغا مۇراجىئەت قىلىپ، «دۇنيادىكى تىبەتلەر، تىبەتنى قوللىغۇچىلار، تىبەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار» دېگەن ئىدى. بۇ چاقىرىق ئىلھامىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى، تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتى، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى، خەلقئارالىق ۋە جايلاردىكى تىبەت ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا تىبەتلەرنى قوللىغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشىدا-8 فېۋرال كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ھىندىستان ۋە باشقا بارلىق تىبەت ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلگەن ھەم يارىلانغان تىبەتلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
تىبەت ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي
تىبەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۆتكەن يىلى 16-مارتتىن باشلانغان تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇش ھەرىكىتى بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلماقتا. تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېلان ئىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا-8 فېۋرال كۈنىمۇ بىر تىبەت ياش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنى ئوق چىقىرىپ باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان خىتاي ساقچىلىرى بۇ تىبەت بىلەن تەڭ، ئىككى تىبەت راھىپنى دەرھال تۇتۇپ كەتكەن. ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان بۇ تىبەتنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىنى كويدۈرۈۋالغان تىبەتلەر 21 گە يەتتى. ئۇنىڭ 19 ئەر 2 سى ئايال.
ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىقى بىلدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ ئىچىدە 13 نەپىرى ئۆلگەن، بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئۇسۇلدا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ 19 نەپىرى تىبەت راھىبلىرى بولۇپ ئاساسەن سىچۈەن گەنزى رايونىدىكى راھىبلارنى ئاساس قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تىبەت رايونىغا ساياھەتچى ھەم ئاخباراتچىلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىبەت ۋە سىچۈەندىكى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەرنى رايوندا قاتتىق باستۇرماقتا. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ئىككى ھەپتە ئاۋۋال سىچۈەندىكى گەنزى تىبەتلەر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ بارغان تىبەتلەردىن 6سى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئىككى تىبەتنىڭ ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قورال، بومبا ھەم پىچاقلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھازىر سىچۈەن گەنزى رايونىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىمۇ ئۈزۈپ تاشلانغان بولۇپ، خىتاي تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىنى خەلقئارا ئاخباراتلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.
8-فېۋرال دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ۋە ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە خەلقئارا مەتبۇئاتىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەردى. تىبەتنى قوللىغۇچى ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەر باياناتلار ئېلان قىلىپ تىبەتلەرگە مەدەت بەرمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ھېسداشلىقىنى ئىپادە قىلماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرماقتا.
تىبەتلەر يالغۇز ئەمەس
بۇ قاتاردا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرداش بولغان تىبەتلەر بىلەن ئوخشاش مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى، تىبەتلەرنىڭ ئۆز ھەق ھوقوقلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباب فرانك ۋولف ئەپەندىمۇ، 8-فېۋرال تىبەتلەرنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى كەڭ كۆلەملىك پائالىيىتىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ 8-فېۋرال بۇ ھەقتە مەخسۇسبايانات ئېلان قىلىپ «مەن تىبەتلەر بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمنى، تىبەتلەرنىڭقېرىنداشلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن» دېگەن. ئۇ يەنە «مەن پرېزىدېنت ئوبامانى كېلەر ھەپتە خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شىجىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندەخىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى، تىبەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىق قىلىمەن» دەپ تەكىتلىگەن.
8-فېۋرال دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىبەت نامايىشى قاتارىدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى، ۋاشىنگتون ۋاقتى چارشەنبە چۈشتىن بۇرۇن 10 دىن چۈشتىن كېيىن 3 كېچە داۋام قىلغان نامايىشقا، تىبەتلەردىن باشقا، خىتاي دېمۇكىراتچىلىرى ۋە تىبەتنى قوللايدىغان ئامېرىكىلىقلار ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. نامايىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە نامايىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تىبەتلەرنىڭئىسىملىرى بىرمۇ بىر ئوقۇپ ئۆتۈلدىن كېيىن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى. تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا نارازىلىق بايانلىرىدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ياڭ جەنلى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون تارمىقى دىرېكتورى ت كۇمار قاتارلىقلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى باياناتلار بېرىپ تىبەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرغان.
پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى خىتاي ئۆكتىچى ياڭ جىئەن، نامايىش مەيدانىدا ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان تىبەت قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش دۇنيا تارىخىداكۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل ئېچىنىشلىق ھادىسە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھەق سىياسەتلىرىنىڭ تىبەتلەرنى قايسى دەرىجىگە قىستاپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىنئويغىنىش ھېس قىلماي تىبەت پۇقرالىرىغا قارىتا باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەتمەكتە. بىز بۇ زۇلۇمنى قوبۇل قىلالمايمىز، بىز تىبەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەق ھوقوقلىرى ئۈچۈن تەڭ كۈرەش قىلىمىز» دېدى.
نارازىلىق داۋام ئېتىدۇ
تىبەت تەشكىلاتلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى-8 فېۋرالدىن كېيىنكى كۈنلەردە يەنەداۋام قىلماقچى بولۇپ، 12 فېۋرال ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراي ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا، 13-فېۋرال شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشىگە نارازىلىقى بىلدۈرۈش نامايىشى،14-فېۋرال يەنە شى جىنپىڭ بىلەن ئوبامانىڭ ئۇچرىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشلار داۋام قىلىدىكەن.