خىتاي دائىرىلىرى، رامىزان ئېيىدا جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئىجرا قىلىش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، مەسىلە سادىر بولغان ھامان قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، بىخ ھالىتىدە يوق قىلىش دېگەنگە ئوخشاش چارىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا.
رادىئومىز مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە، ۋە يېزا - كەنتلىرىگىچە رامىزان مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى قولغا چۈشۈردى.
مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى مائارىپ ئىدارىسى كۇچا ناھىيىسىدە پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى روزا تۇتماسلىققا مەجبۇرلاپ، ھەتتا ئۇلارنى تاماقلىنىشقا زورلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
ئاتۇش شەھەرلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئىككى خىل تۈزۈم بېكىتكەن. تۈزۈمدە 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش ئارقىلىق بايقالغان مەسىلىلەرنى دەرھال بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئات ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەش، مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئېغىر جازا بېرىش، بۇ ئارقىلىق مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى تەلتۆكۈس ۋە تولۇق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىمۇ، دائىرىلەرنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى رېستوران ۋە ئاشخانىلارنى نورمال تىجارەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارغا ئېرىشتۇق.
رادىئومىز مۇخبىرى يەنە، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭى ھايات مەھەللىسىدىكى 52 ياشلىق نۇرتاي مەمەتنىڭ 2007 - يىلى ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزى، رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئىچكىرىلەپ ماتېرىيال توپلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىنىي تەشكىلات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت، دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىلەن بىللە، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزىنى خۇددى ئىسلام دۇنياسىغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتەك كۆرسىتىپ، ئىچكى جەھەتتىن بولسا ئۇيغۇرلارنى ئېزىپ يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مۇسۇلمان ئەللىرىگە خىتاينىڭ بۇ خىل ھېلە - مىكىرلىرىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئەسلىدە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئەمەس، پۈتكۈل مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ دىنىنى كەمسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۈمىد ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا، ھەج پائالىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىغان ئۇيغۇرلارغا بىھۇدە يولسىزلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەج قىلىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى، ھەج گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆزى ئىشەنچ قىلغان، خىتاينىڭ پارتىيە - سىياسىتىنى ماختايدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلىرىنى ھەج قىلدۇرۇدىغانلىقىنى، ئەكسىنچە ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەج گۇرۇپپىسىغا قېتىلمىغان ئۇيغۇرلارنى، مەككە شەھىرىدىن يالاپ قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئىشلىمىگەن، ساقال قويغان نۇرتاي مەمەتنى پەقەت ساقال قويغانلىق سەۋەبلىك 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ئىسلام دىنىنى ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىدىغان بۇ خىل قىلمىشنى چوقۇم جاھان ئەھلىگە ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي، ئىزچىل تۈردە "دۆلىتىمىزدە خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى تەلتۆكۈس كاپالەتكە ئىگە" دەپ تەشۋىق قىلغاندىن سىرت، دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدا مەخسۇس "كۆك تاشلىق" كىتاب ئېلان قىلغان ئىدى. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى سۆزىدە، "شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەر سېلىنغان، لېكىن ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ كىرىپ ئىبادەت قىلىشى قاتتىق چەكلەنگەن" دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.