خىتاي ئولىمپىك مەزگىلىدە غۇلجىدا تۇتۇلغان 12 نەپەر ئۇيغۇرنى قاتتىق جازالىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئولىمپىك مەزگىلىدە ئولىمپىكنى تىنچ ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز دېگەن باھانىدە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشى بىلەن بىز، غۇلجا تەۋەسىدىن بۇلتۇر ئولىمپىك مەزگىلىدە يەنى 2008 - يىلى 4 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۇتقۇن قىلىنغان 12 نەپەر ئۇيغۇر ئۇستىدىن 2008 - يىلى 11 - ئايدا سوت ئېچىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش كېچىكتۈرۈلۈپ، بۇ يىل، 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان 2008 - يىل 106 - نومۇرلۇق ھۆكۈمنامىدە، بۇ بالىلار ئۇستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئېغىر دەپ قارالغىنىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، يېنىك دېيىلگىنىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق.

بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى غۇلجا ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرى ۋە نىلقا ناھىيىسى تەۋەسىدىن تۇتۇلغان تىجارەتچى ياشلار بولۇپ، تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىم جازا ھۆكۈم قىلىنغان بالىلارنىڭ ئىسىملىكى، ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ھۆكۈمى:

1. مەردان سىيىتاخۇن ( ئەر، ئۇيغۇر ) غۇلجا ناھىيە توخوچىيۇزى كەنتىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدە. 1973 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۇغۇلغان.

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى غۇلجا شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر غۇلجا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.

2. ئەخمەتجان ئەمەت (ئەر، ئۇيغۇر ) 1985 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا ناھىيە ئارۇز يېزىسىدىن، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدە.

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر غۇلجا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

3. مەۋلانجان ئەخمەت (ئەر، ئۇيغۇر ) 1987 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا ناھىيە خۇدىياريۈزى يېزىسىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، 2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزى قاماقخانىدا قاماقلىق. دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

4. قۇربانجان سەمەت (ئەر، ئۇيغۇر ) 1985 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تۇغۇلغان، نىلقا ناھىيىسىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق.

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزى قاماقخانىدا قاماقلىق. دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

5. دولقۇن ئەركىن (ئەر، ئۇيغۇر ) 1989 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا شەھىرى خەنبىڭ يېزىسى زايومكا كەنتىدىن، تولۇقسىز مەلۇماتلىق.

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزى قاماقخانىدا قاماقلىق. دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

6. ئۆمەرجان مەھمۇت (ئەر، ئۇيغۇر ) 1986 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا شەھىرى قەشقەر كوچىسىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىدا.

2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزى قاماقخانىسىدا قاماقلىق. دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

7. سەيدەخمەت ئاۋۇت (ئەر، ئۇيغۇر ) 1971 - يىلى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا ناھىيە ئىسلاميۈزى كەنتىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقلىق، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

8. ئەركىن ئەمەت (ئەر، ئۇيغۇر ) 1973 - يىلى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا ناھىيە ئارۇز يېزىسىدىن، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقلىق، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

9. ئابدۇجېلىل ئابدۇغۇپۇر (ئەر، ئۇيغۇر ) 1988 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا شەھەر يېڭى يەر يېزىسىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق.

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقلىق، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

10. ئابدۇلېتىپ ئابلىمىت (ئەر، ئۇيغۇر ) 1972 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا ناھىيە ئارۇز يېزىسىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق.

2008 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقلىق، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

11. مۇتەللىپ روزى ( ئەر، ئۇيغۇر ) 1979 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۇغۇلغان، غۇلجا شەھەر قارىدۆڭ يېزىسى بايكۆل كەنتىدىن، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدە.

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزى قاماقخانىدا قاماقلىق.

12. ئوبۇلقاسىم (ئەر، ئۇيغۇر )، 1980 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۇنى تۇغۇلغان، غۇلجا ناھىيە توخوچىيۈزى كەنتىدىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدە.

2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى غۇلجا ناھىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق مەركىزى قاماقخانىدا قاماقلىق. دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

بىز سۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ 12 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىچىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنغان مەردان سىيىتاخۇننىڭ دادىسى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.

سىيىتاخۇن ئاكا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئەتىكى پروگراممىمىزدا بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ پروراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.