شىنجاڭ نېفىت شىركىتى ئۈستىدىن يېزىلغان ئەرز خېتى بوشۇن تورىدا ئېلان قىلىندى

يېقىندا بوشۇن تور بېتىدە شىنجاڭ نېفىت شىركىتىدىكى ئەھۋاللار ئەرز قىلىپ يېزىلغان ئەرز خېتى ئېلان قىلىندى. ئەرز خېتىدە شىنجاڭ نېفىت شىركىتىدە جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان بەزى مۇھىم ئەھۋاللار ئىنكاس قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ نېفىت شىركىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ئۆز ئالدىغا يەرلىك پادىشاھلىق قۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى كۆزگە ئىلماي، ئىشچىلارنىڭ ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

0:00 / 0:00

خەتتە بايان قىلىنىشىچە، شىنجاڭ نېفىت شىركىتى قارمىقىدىكى 40 مىڭدەك ئىشچى 2001 - يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ نېفىت شىركىتىنىڭ تۈرلۈك ئالداش، مەجبۇرلاش، تەھدىت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت سىتاژىنى بۇ شىركەتكە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار توختامغا قول قويغاندا ئۇلارنىڭ توختامنامىنى ئوقۇشىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان. نەتىجىدە بۇ ئىشچىلار ناھايىتى ئاز مىقداردىكى پۇلغا سىتاژىنى سېتىپ بەرگەن. ئەرزنامىدا دىققەت تارتىدىغىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسى جەھەتتىن يەنىلا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەرزدە يەنە ستاژى سېتىۋېلىنغان بۇ ئىشىچىلار كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئالدام خالتىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلىپ بارماقچى بولغاندا، يەرلىك پادىشاھلىق قۇرۇۋالغان بۇ شىركەت تەرىپىدىن 8 يىل مابەينىدە " ئۈچ كىشى بىر يەرگە يىغىلسا مۇناسىۋەت باغلاش، 5 كىشى يىغىلسا ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش" بىلەن قارىلىنىپ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ بولسا "مۇقىملىقنى بۇزغۇچى، ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن ھەمكارلاشقۇچى" دېگەن باھانىلەر بىلەن قارىلىنىپ، قوراللىق باستۇرۇلغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان.

ئەرز خېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەرزدارلار ئاساسەن 40 - 50 ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەر بولۇپ، بۇ كىشىلەر خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ، 2001 - يىلى ئىشتىن قالدۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتتىق جاپادا ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە ئۇلار ھېچقانداق تۇرمۇش كاپالىتى بولمىغان، ئىدارە ۋە جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن مەھرۇم كىشىلەر ھالىغا چۈشۈپ قېلىپ، تۇرمۇشتا قاتتىق قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.

ئەرز خېتىدە، مەزكۇر شېركەتنىڭ خىزمەت ستاژىنى سېتىۋېلىشتا تەھدىت قىلىش، مەجبۇرلاش، ئالداش قاتارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئالاقىدار نىزامنامىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەرزدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، 2005 - يىلى شىنجاڭ نېفىت شىركىتى قوراللىق قىسىمنى ئىشقا سېلىپ، خىزمەت سىتاژىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان نەچچە مىڭ ئەرزدارنى باستۇرغان. قولغا ئېلىنغانلار قانۇنسىز ھالدا 30 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغانلىرى بولسا ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا ئاپىرىۋېتىلگەن. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭ نېفىت شىركىتى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بىر نەپەر كىملىكى ئېنىق بولمىغان قارا گۇرۇھ ئادىمىنى باشلاپ، بېيجىڭ جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسدا بېيجىڭغا ئەرزدارلارغا ۋاكالىتەن يۇقىرى ئورگانلارغا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن كەلگەن شياۋ يىسەن ئسىملىك كىشىنى قاتتىق ئۇردۇرۇپ، ئۇنى مېيىپ قىلىپ قويغان.

بۇنىڭدىن سىرت، قاراماي نېفىتلىكىدە ئىشلەيدىغان ئۆمەرجان ئابلا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، ئۆزى ئىجاد قىلغان نېفىت قېدىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر يۇقىرى تېخنىكىلىك ئۈسكۈنىنى كەشىپ قىلىش ئارقىلىق نېفىت بۇرغىلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تورلدۇرغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇكاپات بولسا ئىدارىدىكى باشقا بىر خىتاي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆمەرجان ئابلا ئەھۋالنى ئەرز قىلغىنىدا بولسا 2008 - يىلى ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭدىن سىرت شياۋ يىسەن، چېن ئالىڭ، ۋۇ يەنچېڭ ئىسىملىك ئەرزدارلارمۇ قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغان.

ئەرز خېتىدە شىنجاڭ نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان ئەرزدارلارنى ئەنە شۇنداق باھانىلەر بىلەن قارىلاش ئارقىلىق يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ خىزمەت سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە باشقا سۇغۇرتىلارنى نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە پاتېنت مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئەرزنىڭ ئاخىرىدا ئەرزدار مەركىزى ھۆكۈمەتتىن مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىپ شىنجاڭ نېفىت شىركىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو نېفىت شىركىتىگە قاراشلىق فىزىكىلىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش شېركىتى نېفىت گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ 2007 - يىلى ئۇيغۇر توختاملىق ئىشچىلارنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىدەك ئەھۋالمۇ ئىنكاس قىلىنغان ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئېنىقلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.