خوتەندىكى قانلىق ۋەقە كانادا مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈردى

كانادا مەتبۇئاتلىرى، مىنىستىر جوھن بائىردنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى سەۋەبىدىن، كانادالىقلارنىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلەشكەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خوتەن شەھىرىدە يۈزبەرگەن بۇ قانلىق ۋەقەگە كەڭ يەر بەردى.

0:00 / 0:00

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد پەيشەنبە كۈنى، خىتايدىكى 5 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھىندونېزىيىگە يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتكە خاتىمە بېرىش ۋە ئىقتىسادىي، كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدە، يېڭىچە بىر مۇناسىۋەت قۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇ زىيارىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوراللىق باستۇرغان ۋە تىبەتنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان نازۇك بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

كانادا مەتبۇئاتلىرى خوتەندە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بۇنىڭغا «زوراۋانلىق دېلوسى» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «تېررورلۇق» تامغىسى باسقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا، «تەشكىللىك، پىلانلىق ئىسلامى تېررورلۇق» دېگەنگە ئوخشاش قانات-قۇيرۇقلارنى ياساشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ خوتەندىكى ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇۋاتقانلىقى، ۋەقەنى ھەقىقىتىنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى، قانۇنلۇق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» قالپىقى بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن باردنىڭ خىتاي زىيارىتىگىمۇ بەلگىلىك كۆلەڭگە چۈشۈردى. دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، مەزكۇر سۆھبەتتىكى نازۇك تەپسىلاتنى ئاشكارىلاشتىن باش تارتقان جوھن بائىرد، چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، خىتاي كەسىپدىشى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندە، كانادا تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى تەلەپلەر ۋە خىتاي تەرەپنىڭ جاۋابلىرىنى مۇخبىرلارغا ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ھېس قىلدى. چۈنكى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان جوھن بائىردنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرگەن ئىدى.

كانادادا چىقىدىغان «ۋىننىپەگ قۇياشى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىنىستىر جوھن بائىرد كەسىپدىشى بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا، تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:
«دىنىي ئەركىنلىك-كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى سىياسىتىدۇر. پەقەلا ئېتىقاد ئەركىنلىكىلا ئەمەس، يەنە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىمۇ بۆلىشى كېرەك. بۇلاردىن بىرسى كەم بولسا، باشقىلىرىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى بولمايدۇ،» دېگەن.

كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى زۇلۇمغا ۋە دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان دىنىي ئاز سانلىقلار ھەققىدە دوكلات تەييارلايدىغان دىنىي ئەركىنلىك ئورگىنىنى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

جوھن بائىرد سۆزىدە يەنە، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە، 6 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ:
«مېنىڭ كەسىپدېشىمنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى پۈتۈنلەي بىزگە ئوخشىمايدۇ. ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى قاماقتىكى مەزگىلدە، بىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈمىز»،دېگەن.

ھۈسەيىن جېلىل 2005-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆزبېكىستانغا زىيارەتكە بارغاندا، ئۆزبېك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى 2007-يىلى ئۇنى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنىدى.

كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنى قويۇۋېتىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كانادانىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

كانادادا چىقىدىغان «پولىتىكس» گېزىتىنىڭ 20-ئىيۇل كۈنىدىكى كولىم ھورگاننىڭ «خىتاي مۇناسىۋىتىدە 'تارىخى بىر دەۋرگە كىرىش ۋە جوھن بائىردنىڭ ئۈن-تىنسىز سۆھبىتىدىكى تەپسىلاتلار» ناملىق ماقالىسىدە، جوھن بائىردنىڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە «دوستانە ۋە ئۇچۇق-يورۇق» سۆزلەشتۇق دېگەنلىكىنى، چارشەنبە كۈنىگە كەلگەندە، خوتەندە ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ سانىنىڭ 14 دىن 18 گە كۆپەيگەنلىكى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە تەلەپلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ:
«جوھن بائىرد خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھەققىدە، بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆزلىشىش ۋە بۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدە 'ناھايىتى ئوبدان پىكىر ئالماشتۇردۇق' دېگەننى قايتا-قايتا تەكرارلىغان ئىدى» دەپ يازىدۇ.

مىنىستىر جوھن بائىرد چارشەنبە كۈنىدىكى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ بىر بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن چىقارغان خۇلاسىسى ئىدى.