بۇ پىلان ئەقلىدىن ئۆتمىگەن دېھقانلارغا ناھىيە رەھبەرلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن كۆپ مىقداردا جياڭدۇغا توختام تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يىل ئاخىرىدا بولسا، جياڭدۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئالىدىغان خېرىدار تاپالمىغان. دېھقانلارغا ئېغىر زىيان بولغان.
دېھقانلار قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە يول سورىغاندا رەھبەرلىك مەۋجۇت جياڭدۇلارنى يۇلىۋېتىپ ، ئورنىغا قايتا جياڭدۇ تېرىشنى بۇيرىغان. دېھقانلار بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ناھىيىگە بارغىنىدا مەسىلىنى سوراش ئەمەس، ئەكسىچە تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنىدا، دېھقانلارغا ھەر قانداق بىر تېخنىكىنى مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىقى، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزى خالىغان تېخنىكىنى قوللىنىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن، مەزكۇر قانۇننىڭ 20 -ماددىسىدا ھەتتا ئەگەر، قايسى بىر گۇرۇھ ياكى تەشكىلات دېھقانلارنى پەن- تېخنىكا جەھەتتە مەجبۇرلىغان بولسا، جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.
بىراق يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ۋە ئىلمىي تېرىقچىلىق قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ ھالدا، دېھقانلارغا ۋەزىپە چۈشۈرگەن. دېھقانلار بۇ ئەھۋالنى ئاپتونوم رايونغا شىكايەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا، يېڭىسار ساقچىلىرى ئارقىسىدىن يېتىپ كېلىپ تۇتقۇن قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ شىكايىتى ھەققىدىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلايسىلەر. داۋامىنى ئەتىكى پروگراممىمىزدا ئاڭلىتىمىز.