چوشقا زۇكامى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى مېكىسكىدا سەل تۆۋەنلىدى ئەمما دۇنيادا يۇقىرى ئۆرلىمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.05.04
2009.05.04

AFP Photo
ھازىرغا قەدەر چوشقا زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بىمار سانى 1033 كە يەتتى. بۇخىل يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ كىرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان دۆلەت سانى 25 كە يەتتى. ھازىرغا قەدەر يۇقۇملۇق چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانى27. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا مېكىسكىدىن كېلىپ ئۆلگەن بىر كىچىك بالا بار.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر دۇنيا بۇيىچە چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەلۇم قىلىنغان سان: مېكىسكىدا 701، ئامېرىكىدا 245، كانادادا 100، ئەنگىلىيىدە 27، گېرمانىيىدە 6، ئىسپانىيىدە 54، ئىتالىيىدە 4، ئىسرائىلىيىدە 3، فرانسىيىدە 2، ئاۋسترالىيىدە 1، قالغان جەنۇبىي كورىيە، يېڭى زېلاندىيە، كولۇمبىيە، سالۋادور، ھوڭكوڭ قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت ياكى رايوندا بىردىن.
يەر شارى ھايۋاناتلار سەھىيە ئورگىنىنىڭ باش مۇدىرى بېرنارد ۋاللاتنىڭ ئېيتىشىچە، مېكىسكىدا پارتلىغان يۇقۇملۇق زۇكام دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئادەمدىن چوشقىغا يۇقتۇرۇلغان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ پارتلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ھازىر ئۇ باشقا خىلدىكى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسلىرى بىلەن، يەنى ئادەم زۇكامى ۋىرۇسى، قۇش زۇكامى ۋىرۇسى ۋە چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى. بۇ ئېنىقلاشنىلا ئەمەس، داۋالاشنى قېيىنلاشتۇرماقتا.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تارقىلىشى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان شىددەتلىك يۇقۇملۇق زۇكام 20 - ئەسردە يۈز بەرگەن 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىسپانىيىدە 40 مىليون ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان ئىدى.
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ چوشقا زۇكامىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئوخشىمايدۇ
ھازىر دۇنيادا ھەر قايسى دۆەلەتلەرنىڭ چوشقا زۇكامىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرلىرى ئوخشىمايدۇ. خىتاي، رۇسىيە، ھىندونېزىيە، فىلىپىن، جەنوبىي كورىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش تەدبىرىنى قوللاندى. ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر، ياپونىيە، كوسوۋا قاتارلىق دۆلەتلەر گەرچە چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىش چەكلەنمىگەن بولسىمۇ،ئەمما چوشقا گۆشىنى قوللىنىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە چوشقا گۆشىنى قوللىنىش ئازايتىلدى. كانتىنېنتول، بىلۇجېت، دېلتا قاتارلىق ھاۋا قاتنىشى شىركەتلىرى يۇقۇملۇق چوشقا زۇكامى بايقالغان رايونلار ئارا قاتنايدىغان ئايرۇپىلان قېتىمىنى ئازايتتى.
ئامېرىكىدا چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىپ داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلىشقا باشلىدى.
خىتايغا ساياھەتكە كەلگەن 100 دىن ئارتۇق مېكىسكىلىق كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مېكىسكا ھۆكۈمىتى ئۆز پوقرالىرىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىشنى پىلانلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر چوشقا زۇكامىنى چېگرىدىن كىرگۈزمەيمىز دەپ جاكارلاۋاتىدۇ، چەتئەللىكلەرنىڭ خىتايغا ساياھەتكە كېلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ. ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك دەپ جاكارلىدى.
چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى بىر ھەپتىدىن كېيىن يېتىپ كېلىدۇ
ئىنسانىيەت ھازىر ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يۇقۇملۇق چوشقا زۇكامىدىن ساقلاش ئۈچۈن ۋاكسىنىغا مۇھتاج. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ پېشقەدەم ئەمەلدارى مارى پاۋلې كىينىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھازىر دورا شىركەتلىرىنى ۋاكسىنا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۋە ۋە لوندوندىن بايان قىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا 20 چوڭ شىركەت ۋاكسىنا ئىشلەشكە كىرىشتى. ئامېرىكا سەھىيە ئىدارىسى بەزى شىركەتلەرگە 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىشقا مۆھلەت بەردى. چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى ئاز دېگەندە يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن يېتىپ كېلىدۇ.