ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۇتۇۋېلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە خانىمى 23-سېنتەبىر كۈنى كەچتە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە خانىمىنى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتىۋالدى. بۇ كۈتىۋېلىش بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ تارىخىي قەيتلەرگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، پاپا زىيارەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ 1962-يىلدىن بۇيان بىر ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ چەت ئەل رهبىرىنى تۇنجى قېتىم ئايرودۇرۇمدا بىۋاسىتە كۈتىۋېلىشىدۇر. 1962-يىلى شۇ چاغدىكى پرېزىدېنت جون ف. كېننىدى بېرىتانىيە باش مىنىستىرى خارولد ماكمىللاننى ئايرودۇرۇمدا كۇتۇۋالغان ئىكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، جۇمھۇرىيەتچى روگېر ۋىككەرRoger Wicker شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇن بايانائات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى بۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك كۈتىۋېلىشىنى تەنقىد قىلدى. ۋىككەر ئېگەر ئاقساراي ئۇنىڭدىن پىكىر سورىغان بولسا، پرېزىدېنتقا شى جىنپىڭنى ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى قاتارىدا شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى زورايتىپ، قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ۋە سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالدى.
ۋىككەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئايرىم تىلغا ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان بىر مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى»نى ئېيتتى. ئۇ پرېزىدېنت ترامپنى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشقا چاقىردى.
CNN مۇخبىرى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئادام سىمىستىن شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇنداق كۈتىۋېلىنىشقا لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغىنىدا، سىمىس «ياق، مەن ئۇنداق قارىمايمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ۋە سۆھبەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى بۇنداقتىن يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى ۋە بۇ خىل كۈتىۋېلىشنى «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دەپ تەسۋىرلىدى.
شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنى كۆزىتىش كومىتېتىمۇ ۋىدېئو تارقاتتى. ۋىدېئودا شى جىنپىڭ «دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە ئازادلىقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى» دەپ ئاتالدى.
يەنە كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتچى ئەزاسى رىچارد بلۇمېنتالمۇ ترامپنىڭ شى جىنپىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇنى ماختىشىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ پرېزىدېنتنىڭ شى جىنپىڭگە زىياپەت بېرىش ۋە ئۇنى ماختاشنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ ئىرانغا بېرىۋاتقان ياردىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا ئاقساراي ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتىۋېلىشىنى، بۇ يىل ماي ئېيىدا ترامپ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي تەرەپ كۆرسەتكەن مېھماندوستلۇققا قايتۇرۇلغان جاۋاب خاراكتېرلىك مۇئامىلە، دەپ چۈشەندۈردى. ئاقساراي بايانچىسى ئاننا كېللىي پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق دۆلەت رەھبىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاخبارات تورلىرىدىن ”سېمافور“ Semaforنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقسارايغا يېقىن، ئەمما نامىنى ئاشكارىلىمىغان بىر كىشى ترامپنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاينى ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ كۆرسىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شى جىنپىڭنى ھەشەمەتلىك كۇتۇۋېلىشىنى ”غەلىتىلىك“ دەپ ئەيىبلىگەن.
ۋاشىنگتوندا شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
24-سېنتەبىر كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي ئەتراپىدا شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، خىتايلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە بېرملىقلار بولۇپ نەچچە يۈز كىشى قاتناشتى.
نامايىشتا ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆز تەۋەلىكلىرىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە زوروانلىقلىرىنى ئەيىبلىدى. ۋەكىللەر يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگىمۇ خىتاب قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىدىكى يېتەكچى ئورنىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەكلىكى ۋە شى جىنپىڭدەك بىر دىكتاتورنىڭ ئامېرىكىدا قارشى ئېلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نامايىشچىلار يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشى، تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتىنى ۋە شياڭگاڭغا قارىتا زوروانلىقىنى توختىتىشى توغرىسىدا شوئارلار توۋلىدى.
نامايىشتا ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن مىسران دولان، رابىيە قادىر، ئەلفىدار ئىلتەبىر، روشەن ئابباس، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار سۆز قىلدى. سائەت 6 دە فرانكلىن باغچىسىدا باشلانغان نامايىش، ئارىلىقتا بىر مەھەل ئاقساراينىڭ ئارقا باغچىسىدا داۋاملاشتى. «ئامېرىكا ئاۋازى» مۇخبىرىنىڭ ئاقساراي ئىچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ ئارقا باغچىدىكى شوئار ۋە نۇتۇقلار ئاقسارايدا مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقان شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغىمۇ ئاڭلانغان.
تۈنۈگۈن يەنە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مەكگوۋېرنمۇ نامايىشقا كېلىپ سۆز قىلىپ، نامايىشچىلارنى قوللىدى.
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىمۇ ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى؛ نامايىشتا شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئەيىبلىنىش بىلەن بىللە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى شوئارلار توۋلاندى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شى جىنپىڭغا قارشى نامايىشتا، خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيە تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. تۈنۈگۈنكى بىرلەشمە نامايىش مەيدانىغا خىتاي كومپارتىيە تەرەپدارلىرى يېقىنلىشالمىغان.
ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى: خىتاينىڭ «قىزىل سىزىق»لىرى ئۇنىڭ ئېغىر ئاجىز نۇقتىلىرىدۇر
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى شيې فېڭ پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدىن بىر كۈن ئاۋۋال، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «قىزىل سىزىقلار»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى بولسا، بۇ سىزىقلارنى خىتاينىڭ ئېغىر ئاجىز نۇقتىلىرى دەپ كۆرسەتتى ۋە پرېزىدېنت ترامپنى بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەي، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سۆھبەتتە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى شيې فېڭ ترامپ–شى ئۇچرىشىشى ئالدىدا خىتاينىڭ ”خەلق گېزىتى“دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، تەيۋەن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «تۆت قىزىل سىزىق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ئامېرىكا تەرەپنى دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ خىتاينى چەكلەشكە ئۇرۇنماسلىق ۋە بۇ «قىزىل سىزىقلار»دىن ئۆتمەسلىككە چاقىردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى مىسران دولان مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ھازىر دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتنىڭ مەركىزىي تېمىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ «قىزىل سىزىق» ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئۇنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. مىسران دولان مۇنداق دېدى: ”مانا بۇ باياناتنىڭ ئۆزى ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.“
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسىنى بېيجىڭدىكى ئالاقزادىلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرغان. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالارمۇ پرېزىدېنت ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
زۇمرەتئاي ئەركىن پرېزىدېنت ترامپنى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت پاكىتلارنى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بولسا، مەزكۇر قىزىل سىزىقلارنىڭ كۆرسىتىلىشىنى «كۈچى بار بىر دۆلەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس» دېدى. رابىيە خانىم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئادالەتسىز رىقابەتكە ۋە زوروانلىققا تايانغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ سەمىمىي بىر تەرەققىيات ئەمەسلىكىنى، خىتايدىكى مۇقىملىقنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىملىقنىڭ تەبىئىي مۇقىملىق ئەمەس، سۇنئىي مۇقىملىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ كۆرۈنگىنىدەك قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. رابىيە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دونالد ترامپنى قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك پرېزىدېنتىغا خاس بولۇشقا ۋە شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
ترامپ-شى ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ «قىزىل سىزىقلار» كۆرسىتىلگەن
ئاشكارىلىنىشىچە، ترامپ-شى ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاھالىلەر چەت ئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «سەلبىي ئۇچۇر» تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
يەرلىك ئالاقىدار خادىملاردىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇچرىشىدىغان 23–25-سېنتەبىر كۈنلىرىنى «ئالاھىدە كۈنلەر» دەپ بەلگىلىگەن. دائىرىلەر بۇ كۈنلەرگە ماس ھالدا تەشۋىقات، سىياسىي ئۆگىنىش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى ئالاقىدار خادىملار يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە سىياسىي ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ترامپ–شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىنى «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي ۋە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش» دەپ تەشۋىق قىلماقتا. بۇ ئاخباراتلاردا يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغانلىقىغا كەڭ يەر بېرىلىپ خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما ئۇچرىشىشقا ئائىت تەشۋىقات ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يەنە باشقىچە يەتكۈزۈلگەن.
ئاتۇشتىكى بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئولار ترامپ–شى ئۇچرىشىشىنى ئاھالىلەرگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى «ئىلگىرىلەشلەر»نىڭ، شۇنداقلا بۇ نەتىجىلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ تونۇشتۇرغان. ئولار يەنە بۇ ئۇچرىشىشنى شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى داۋام قىلغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارىتا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ غەلىبىسى، دەپمۇ چۈشەندۈرگەن. ئەمما مەزكۇر خادىم بۇ تەشۋىقاتنىڭ يۇقىرىدىن چۈشكەن كۆرسەتمە بويىچە بولىۋاتقانلىقى ياكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ترامپ–شى ئۇچرىشىشى ئالدىدا ئامېرىكا تەرەپكە «ئاتلاشقا بولمايدىغان قىزىل سىزىقلار»نى كۆرسەتكەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدىمۇ غەيرىي-رەسمىي «قىزىل سىزىقلار»نى بەلگىلىگەن.
ئاقسۇ ۋە كورلىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىلار سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدىكى «ئالاھىدە كۈنلەر» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئاھالىلەرنى دوۋيىن (Douyin) قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «سەلبىي ئۇچۇر» تارقاتماسلىق ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن، يەنى نومۇرى «0» بىلەن باشلىنىدىغان تېلېفونلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە قايتىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاساسەن ئېغىزاكى يەتكۈزۈلگەن بۇ ئۇقتۇرۇشلاردا، ئاھالىلەر دىققەت قىلمىغان تەقدىردە، ئاتالمىش «چەت ئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر»نىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ئىغۋا تارقىتىشى» ۋە مۇھىم كۈنلەردە خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ئېيتىلىپ، ئۇلارنى ھۇشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.
غەرب دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاشكارا تىلغا ئېلىنمىغان بىر پەيتتە، كانادا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 63-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇر دوكلاتى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، كانادا ۋەكىلى خىتاينىڭ دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى مەلۇمات بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھوقۇقى ۋە كىملىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە ۋەكىلى خىتاينىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىنى تېخى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاۋسترالىيە بولسا ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خىتاينىڭ يېڭى مىللەتلەر سىياسىتى قانۇنىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەلىكلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
خىتاي ۋەكىلى بۇ تەنقىادلەرنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەر خىل ئەركىنلىكتىن يېتەرلىك بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى بازارغا سالدى.
ئۇيغۇر دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن 20 يىلدا مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، تايلاند، كامبودژا، مالايشىيا، پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت 400 دىن ئارتۇق دېلونىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تەقدىرى ھازىرغىچە نامەلۇم. دولقۇن ئەيسا تايلاندتا تۇتۇپ تورۇلۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، دۆلەتلەرنى پاناھلانغۇچىلارنى مەجبۇرىي قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 19-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم ئىلمىي تەتقىقاتقا بېغىشلانغان ئۈچ تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەشكىللىگەن مۇزاكىرە يىغىنىغا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى. يىغىندا خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تەدبىرلەر، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەم شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
شۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر پروجېكت فوندىنىڭ ھەمكارلىقىدا مەرھۇم يازغۇچى توختى ئايۇپنى خاتىرىلەش يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا توختى ئايۇپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە ئەدەبىي قاراشلىرى ھەققىدە لېكسىيەلەر بېرىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىن ئارىيەلەر ئورۇنلاندى.
1945-يىلى كۇچادا تۇغۇلغان توختى ئايۇپ 1970-يىلى ناھەق جازالىنىپ، توققۇز يىل تۈرمىدە ياتقان. كېيىن نەشرىيات ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىدە ئىشلىگەن يازغۇچى كۆپلىگەن ھېكايە، پوۋېست،رومان، دراما ۋە كىنو سېنارىيەلىرىنى ياراتقان. ئۇ 2017-يىلدىن كېيىن ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، 2025-يىلى 9-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
ئىستانبۇلدا يەنە ئۇيغۇر پروجېكت فوندى تەشكىللىگەن «دەۋر ۋە بىز: ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە» يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈنلۈك يىغىندا 18 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىي ساغلاملىق، مائارىپ، تارىخ، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تېمىلار بويىچە لېكسىيە بەردى.
يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن 28 ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ 34 پارچە ماقالىسى كىتاب قىلىنىپ تارقىتىلدى. پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ شەپقەت ھەمشىرېسى رىزۋانگۈل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى: ترامپ شى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارە ۋە خۇسۇسىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 18-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىتاي رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مۇھىم بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رەئىس تۇرغۇنجان ئاتاۋۇللا ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاشكارە مەيداندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتىن پايدىلىنىپ بېيجىڭغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ئامېرىكا تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشنى، شۇنداقلا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان چېگرا ھالقىغان بېسىملارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدى. باياناتتا يەنە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ جەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىشى، جۈملىدىن، خىتاي تۈرمىسىدىكى رەھىلە داۋۇت، ئىلھام توختى، گۈلشەن ئابباس، يالقۇن روزى قاتارلىق سىياسي مەھبۇسلارنىڭ تېزراق ئەركىنلىككە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈمىد قىلىندى.
تۈنۆگۈن، شەرق تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپتىن بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول نېفىت، تەبىئىي ئېنېرگىيە ۋە كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە جاي بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ”بىر بەلباغ بىر يول“ى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئاسىيا رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۆتىڭى، شۇنداقلا مۇھىم ھەربىي ۋە ستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ تەشكىلات مانا مۇشۇ ئامىللارنىڭ يەرلىكلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ستراتېگىيەلىك رىقابىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا، شەرق تۈركىستان سۈرگۈند ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز-ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ۋە مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت قىلدى
15-سېنتەبىر، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار بىرلەشمىسى بىر قىسم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە يېقىندا تونۇشتۇرۇلغان «قىزىل سىزىقلار» نامىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ تەشۋىقاتى قىلىندى. مەزكۇر قانۇن لايىھەلىرىدە، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنى قوللىماسلىق ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنى بۇ قانۇن لايىھەلىرىنى تېزدىن ماقۇللاشقا چاقىردى.
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بەختىيار بۆرە ئۇيغۇرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر لايىھەلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ لايىھەلەردە، ئاۋسترالىيە گەرچە ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بىر قاتار خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئەھدىنامىلەر بىلەن يەرلىك قانۇنلار ئارىسىدا بەزى ماسلاشماسلىقلارنىڭ بارلىقى، شۇڭا ئاۋسترالىيەنىڭ قورال-ياراغ سودىسى، دۆلەت مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە خەير-ساخاۋەت قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە خىزمەت قىلش ئېھتىماللىقىدىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پائالىيەتتە سۆز قىلغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى رامىلە چېنىشېف شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەلىرىنىڭ دەرھال ماقۇللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
«قىزىل سىزىقلار» دەپ ئاتالغان بۇ تۆت تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى 15-سېنتەبىر ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى مۇستەقىل پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە شۆبىسى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ دۇبلىندىكى ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ئۇيغۇر ھەرىكتى تەشكىلاتى ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىن شەھىرىدە ياش ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ئۈچۈن ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كۇرسنى ئېچىشتا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشۋىقات ساھەسىدىكى قابىلىيەت ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىت قىلىنغان.
تەربىيەلەش كۇرۇسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىكى رولىنى ۋە بۇ خىل كۇرسلارنىڭ كەلگۈسى تەشۋىقاتچىلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى نۇرىيە زەيدىن بۇ كۇرسنىڭ كونكرىت ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.
تەربىيەلەش جەريانىدا مۇتەخەسىلەر ئالاقە تورىنى قانداق قۇرۇپ چىقىش ۋە دەۋا ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش؛ چېگرا ھالقىغان بېسىملارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش؛ ناھەق قولغا ئېلىنغان ۋە ئادالەتسىز تۇتقۇن قىلنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دەۋاسىنى قانداق قىلىش؛ جامائەت پىكرى ۋە كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى چۇشىنىش ئارقىلىق، مۇھىم مەزمۇنلارنى جەمئىيەتكە قانداق يەتكۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئەمەلىي مىساللار بىلەن لېكسىيە سۆزلىدى.
مەزكۇر كۇرستا يەنە ئۈنۈملۈك ئالاقە، ھەرىكەت قوزغاش، تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
