ياش ئۆسمۈرلەرگە بېرىلىدىغان ساغلاملىق تەربىيىسىنى كېچىكتۈرمەيلى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلاپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ بەلگىلىك تەھدىت ۋە تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ياش ئۆسمۈرلەرگە زۆرۈر بولغان ساغلاملىق تەربىيىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەسىلىكى كېرەكلىكى ھەققىدە سېگنال بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.01.22
Xoten-oqughuchiliri-305 ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرى "باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيىسى قوللانمىسى"نى تۈزۈپ مەكتەپلەرگە تارقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يەنە بىر قىسىم پىسخىكىلىق يېتەكلەش ساۋاتلىرى كىرگۈزۈلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزدا ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرگە مۇۋاپىق ھالدا پىسخىك ھەمدە جىسمانىي ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەمدە ھازىرغا قەدەر بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىك شۇنداقلا بۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مائارىپچى ھەمدە زىيالىيلار بىلەن مۇلاھىزە ئۇيۇشتۇردۇق.

ياش ئۆسمۈرلۈك دەۋر - ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى، ئۇيغۇر دىيارى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا بۈسۈپ كىرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز ۋە جىنايەتلەرنىڭ بەزى ياش ئەۋلاتلارنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى نابۇت قىلىشى، ھەممىنى ئېچىندۈرۈۋاتقان مەسىلە. مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنى جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتە ساغلام يېتىلدۈرۈش، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، كېرەكلىك ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ئاتا ‏ - ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىپ تەربىيىلىشىگە مۇھتاج.

گەرچە مەكتەپلەردە سىياسىي ئەخلاق تەربىيىسى مەخسىۇس دەرسلىك قىلىپ تۈزۈلۈپ بارغانچە كۈچەيتىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇس ياش ئۆسمۈرلەر تەربىيىسىدە مۇھىم بىر ھالقا بولغان جىسمانىي ساغلاملىق، پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيىسىنىڭ كەمچىل ھەم كېيىن بولۇۋاتقانلىقىدەك مەسىلە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلە ئىدى، بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدە سېستىمىلىق بىر دەرسلىك ياكى تەربىيە قوللانمىسى ۋۇجۇتقا چىقمىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە بالىلار تا ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىققا چىققانغا قەدەر،يەنى ياش ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىققا قەدەم قويغان دەۋردىلا 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا تۈزۈلگەن گېگىنا دەرسلىكىدە بىر ياكى ئىككى پاراگىراف ئىنسان فىزىئولوگىيىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ساغلاملىق تەربىيىسى مانا مۇشۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلىپ كېلىنگەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك فانتازىيىلىرى، ئۆزلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بولغان تېڭىرقاش، چۈشەنمەسلىك، يەنە نۇرغۇن ‏ - نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بولغۇدەك مۇۋاپىق ئىنسان فىزىئولوگىيىسى، جىنسىيەت تەرەقىقياتى، پىسخىك ساغلاملىق ھەققىدە ھېچقانداق دەرسلىك يوق ئىدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرى " باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيىسى قوللانمىسى" نى تۈزگەن بولۇپ، مەزكۈر ئوقۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتەپ 4 - يىللىقلىرىدىن باشلاپ زۆرۈر دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلمەكچى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ تورىدا، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ نازارىتى تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت بۆلۈمى باشلىقى ئەنىۋەر ئوسماننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۈر ساغلاملىق بىلىملىرى ئوقۇشلۇقى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە، جىنسىي ساغلاملىق ھەمدە پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى قېتىم سېستىمىلىق، بىر قەدەر مۇكەممەل تۈزۈلگەن ئوقۇشلۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەھەرگە قارشى تۇرۇش، نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىلگىرى يوق بولغان يېڭى مەزمۇنلار ھەر قايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىگە ماس ھالدا بۆلۈپ كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۈر ساغلاملىق قوللانمىسىغا يەنە، ھازىرقى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بالدۇر يېتىلىشچانلىقىغا ماس ھالدا جىنسىي ئەخلاق تەربىيىسى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەربىيىلىرىمۇ مۇۋاپىق كىرگۈزۈلگەن ھەمدە بۇنىڭدا يەنە بالىلارنىڭ جەمئىيەت ھەمدە ئائىلىلەردىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش، پىسخىكا جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈنمۇ " ئاتا ‏ - ئانا ئاجراشقاندا، ئاتا ‏ - ئانا خىزمەتسىز قالغاندا دېگەندەك تېمىلاردىكى پىسخىكا جەھەتتىكى يېتەكلەش مەزمۇنلىرىمۇ بار ئىكەن.
 
بۇ يېڭى تۈزۈلگەن ساغلاملىق تەربىيىسى قوللانمىسى بۇ يىل 8 - ئايدىن باشلاپ ھەر بىر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر ھەپتىسىگە ئالتە، يەتتە دەرس سائىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر جەمئىيتىدە تېز يامرىغان زەھەرلىك چېكىملىك، ئەيدىز كەبى ھالاكەتلەر، روھىي ھەمدە جىسمانىي زەئىپلىك تۈپەيلى يۈز بېرىۋاتقان جىنايى زالالەتلەرنىڭ ئەر - ئاياللاردىن ھالقىپ،بالاغەتكە يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرگە ھەتتا سەبىي بالىلارغىچە قولىنى تىقىشى، ئۇيغۇرلارنى ئەۋلاتلىرىمىزنى بۇ ۋابالاردىن قانداق ساقلىشىمىز كېرەك ۋە تەربىيىنى نەدىن قانداق باشلىشىمىز كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندۇرغان ئىدى.

شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر "ئەزەلدىن يېپىق بولغان جىنسىيەت تەربىيىسىنى ئېچىش كېرەك، بالىلار ساغلام بولمىغان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىدىن جىنسىيەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشتىن بۇرۇن، ئىلمىي، ساغلام، توغرا تەربىيىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك" دېگەن قاراشنى ياقلىسا ، "نومۇسلۇق جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشىنى بەلگىلىگەن. جىنسىيەت ئۇقۇملىرىنى بالىلار بىلەن ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇنازىرىلىشىشى ئەخلاقىمىزغا يات. دەسلەپ ئەخلاق قارىشىنى تىكلەشكە ياردەم بېرىش، دىنىي ۋە مىللىي شۇنداقلا ئىنسانىي ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك،" دەپ قارىغانلارمۇ بولدى.

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئىلى مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە رەسمىي دەرسلىك قىلىپ كىرگۈزمەكچى بولغان ساغلاملىق تەربىيىسى ئوقۇشلۇقى ئەۋلاتلارنىڭ جىسمانىي ھەمدە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسىدىكى بىر بۆسۈشمۇ؟

بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گىرمانىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئانا بىلەن د ئۇ ق نىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.