يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋا: «قەلبىمدە پەقەت بوۋامنىڭ كونا تۈگمىنى قالدى»

ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 70-ۋە 80-يىللىرىدا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مەيدانىغا بىر توپ ياشلار قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ پروزا ھەم پوئىزىيە ژانىرلىرىدا ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

ئاساسىي جەھەتتىن گۈزەل ياشلىق، ئىشق-مۇھەببەت، دوستلۇق، سادىقلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئەخلاق مەسىلىلىرىنى يورۇتۇپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشتى.

شۇلارنىڭ بىرى يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋا 1957-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئالماتا شەھىرىدىكى چەت تىللار ئىنستىتۇتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇزاق ۋاقىت مابەينىدە «كوممۇنىزم تۇغى» يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى»، شۇنداقلا «سەنئەت» گېزىتىدە ئىشلىدى. 1999 يىلدىن بۇيان ئۇ ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىز تىلى مۇئەللىمى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھەم يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋا «دەردى يوق دەمسەن مېنى»، «مەن سېنى قىيالمايمەن» ھەم قازاق تىلىدىكى «كۆندىماۋ ساغان تاغدىرىم» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورىدۇر. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالدى.