ئىتالىيىدە چاقىرىلغان 'تىنچلىق ۋە ئىلىم - پەن' نامىدىكى ئىلمىي يىغىندا ئۇيغۇرلارنى رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشتىن قۇتقۇزۇش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.09.29
2010.09.29
بەزى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى ۋە كەسپىي خادىملىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى يادرو سىناقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان جىسمانىي بۇزغۇنچىلىقىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز داۋالاش تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە چارشەنبە كۈنى ئىتالىيىدە باشلانغان "تىنچلىق ۋە ئىلىم - پەن "نامىدىكى ئىلمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.
ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى روۋېرىتو شەھىرىدە ئىتالىيىدىكى مۇھىت ۋە رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشقا قارشى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ساھىپخانلىقىدا چاقىرىلغان "تىنچلىق ۋە ئىلىم - پەن" دېگەن تېمىدىكى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چارشەنبە كۈنى باشلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېما يادرو قوراللار سىنىقىنىڭ تەسىرىدىن رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىسىدۇر.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇرۇن برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسلىق يادرو قوراللار سىناق مەيدانى ئاۋسترالىيىدە بولۇپ، ئوخشاشلا تارىم ئويمانلىقىدىكى لوپنۇر خىتاينىڭ يادرو قوراللار سىناق مەيدانى ئىدى. ئەنگلىيە بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان. خىتاي 1997 - يىلدىن باشلاپ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن 30 نەچچە يىللىق يادرو سىنىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ھەققىدە ھازىرغا قەدەر جىددى تەدبىر ئېلىپ باقمىغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئاۋسترالىيىلىكلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا دوكلات بېرىدىغان ئاساسلىق مېھمان سۈپىتىدە چاقىرىلغان ئىدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى چارشەنبە كۈنى كەچ سائەتلەردە روۋېرىتو شەھىرىدىكى بىر كۇلۇبنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى ئەتە پەيشەنبىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىغىنغا ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەللىرىدىن ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار، مۇتەخەسسىسلەر، مۇھىتنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ۋە بۇ ساھەدىكى ئاكتىپلار ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشقا ئۇچراش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان جىسمانىي زىيانلىرى ھەققىدىكى ئەنگلىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنۋەر توختى ئەپەندى بېرىدۇ. ئەنۋەر توختى بۇرۇن ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردىكى رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىش ئۈستىدىن مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
ئەنۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ لوپنۇردىكى 30 نەچچە يىللىق يادرو سىناقلىرى پەيدا قىلغان رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلاردا راك كېسەللىكىنىڭ كۆپلۈكى بۇنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرى 100 يىلغىچە تۈگىمەسلىك مۇمكىن. ئۇ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يادرو سىنىقىغا قاتناشقان خىتاي ھەربىيلىرىگە تۆلەم پۇلى ۋە داۋالاش راسخوتى ئاجراتقان بولسىمۇ، لېكىن يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، سالامەتلىكى كاردىن چىققان يەرلىك ئۇيغۇرلارنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ روۋېرىتودىكى "تىنچلىق ۋە ئىلىم - پەن" ناملىق يىغىندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىكەن ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا داۋالاش راسخوتى ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تارىم ئويمانلىقى ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، يادرولۇق پارتلىتىشتىن كېلىپ چىققان رادىئاكتىپلىق چاڭ - توزاڭلار يىراققا كېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىم ئويمانلىقىدا يامغۇر - يېشىن ئاز بولۇپ، يادرو چاڭ - توزاڭلىرىنى يۇيۇپ كېتىش تەس. نەتىجىدە بۇ يادرو چاڭ توزاڭلىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ رادىئاكتىپلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. بۇ ئاتوم بومبىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى ۋە رادىئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنى تارقىتىش ئىقتىدارى ئامېرىكا 1945 - يىلى خېروشىماغا تاشلىغان ئاتوم بومبىسىدىن 300 ھەسسە كۈچلۈك بولۇپ، بۇ سىناقلارنىڭ بەزىلىرى يەر ئۈستى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان.
خىتاي 1964 - يىلى لوپنۇردا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتىلاتقاندىن تارتىپ، 1997 - يىلى يادرو سىنىقىنى توختاتقانغا قەدەر بولغان 33 يىلدا زادى قانچە كىشىنىڭ رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىش سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى، قانچىلىك كىشىنىڭ مېيىپلىككە ۋە كېسەللىككە مۇپتىلا بولغانلىقى ۋە شۇنداقلا يادرو سىناقلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىدىن قانچىلىك كىشىنىڭ زەخمەتكە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ ھەقتە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار بەزى قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھازىرغا قەدەر مەخپىي تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئەنۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە تارىم ئويمانلىقىغا يادرو ئەخلەتلىرىنى كۆمۈش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ بۇ مەسىلە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەنۋەر توختى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان بولسىمۇ، لېكىن تەيۋەن قاتارلىق بەزى دۆلەت ۋە رايونلار خىتايغا پۇل بېرىپ، يادرو ئىستانسىسى ۋە باشقا يادرو ئەسلىھەلىرىدىن چىققان يادرو ئەخلەتلىرىنى تارىم ئويمانلىقىغا كۆمۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
لېكىن بۇ ئەنۋەر توختىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تۈرلۈك يىغىنغا قاتنىشىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان سالامەتلىك مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىشى ئەمەس. ئۇ، 2009 - يىلى 8 - ئايدا شىۋېتسارىيىنىڭ بازىل شەھىرىدە چاقىرىلغان 19 - نۆۋەتلىك خەلقئارا فىزىكىچىلار ۋە يادرو ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.