خىروشىما پاجىئەسىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە ئاتوم سىناقلىرى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار

1945 - يىلى ئامېرىكا ھەربىي ئايرۇپىلانلىرى ياپونىيىنىڭ خىروشىما شەھىرىگە ۋە ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ناگازاكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان ئىدى. ئىككى قېتىملىق ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىدا 140 مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ياپون خەلقى بۇ پالاكەت كۈنىنى ۋە ئۇ كۈندە ئۆلگەنلەرنى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2006 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺮﻭﺷﯩﻤﺎ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
2006 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺮﻭﺷﯩﻤﺎ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ۋەقەنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىروشىما شەھىرىدە خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىمۇ قاتناشتى. بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ كۈننى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭمۇ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشى بۇ قېتىملىق مۇراسىمنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى.

دەل مۇشۇ كۈندە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇراسىملار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىروشىما شەھىرىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاينىڭ ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ياپون خەلقىگە تونۇتۇشقا تىرىشتى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق. ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ، 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31 - ﻛﯜﻧﻰ،  ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮔﺎﺳﺎﻛﻰ ﺷﻪﻫﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ 46 ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ، 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮔﺎﺳﺎﻛﻰ ﺷﻪﻫﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺗﻮﻣﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻣﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ 46 ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. RFA Photo / Erkin Tarim

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى دۇنيا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق بىر زور ۋەقەنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى كۆرگەن بەزى ياپونلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۇنجى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يادرو قوراللىرىنىڭ دۇنيادىن تەلتۆكۈس يوقىلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئىلھام ئەپەندى سۆزىدە ياپونىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتومنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تونۇتۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ياپونىيە پارلامېنتىغا كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ۋەقەنى ئەسلەشكە ۋە ئۇنى تونۇتۇشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت