ئالماتادا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە بارىن قوزغىلىڭى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

11-ئاپرېل كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 66 يىل ھەم بارىن قوزغىلىڭىغا 21 يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2011.04.11
Mesumjan-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﻫﯩﺪ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەشتە قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن سۆزگە چىققان مىللىي ئارمىيىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى، پېشقەدەم يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقار، شۇنداقلا مىللىي ئارمىيىنىڭ ھايات شاھىتلىرىدىن رەشىدىن مەمەتنىيازوف ۋە ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفلار ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن كېيىن سۆز ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيىسى تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ 1990-يىلى بارىندا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى، رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى پائالىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى ھەمدە بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى بۇرمىلاۋاتقان تارىخچىلارنى ۋە سىياسەتچىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆرنەكلىك شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف مىللىي ئارمىيىنىڭ تەقدىرى ۋە مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.