ئىستانبۇلدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 15 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇل توپكاپى قەبرىستانلىقىدىكى مەقبەرىسى زىيارەت قىلىندى ۋە مەرھۇمنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى، شۇنداقلا زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم ‏- ئايرىم سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى ھەققىدە پىكىر، قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 15 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتكىننىڭ ئائىلىسى، دوستلىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى، تۈرك ئوجاقلىرى كۈچۈكچەكمەجە شۆبىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئىستانبۇل توپكاپى قەبرىستانلىقىدىكى مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى. مەرھۇمنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى، مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى. كېيىن زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم ‏- ئايرىم سۆز قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى ھەققىدە پىكىر، قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 15 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرۇ‏- ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ يىغىن زالىدا مەرھۇمنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا تۈرك ئەدەبىيات ۋەخپىنىڭ رەئىسى سەرۋەت قاپاقلى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. مۇراسىمدا تۈركمەن ئېلى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نەفى دەمىرجى، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك. تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى تۇران يازغان قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات - ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلاتتى.

مۇراسىمغا دوكتور، پروفېسسورلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، مەرھۇمنىڭ دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىقمىغان نۇرغۇن مەلۇماتلار ۋە تارىخى رەسىملەر تەقدىم قىلىندى.

مۇراسىمدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان بۈيۈك بىر داۋا ئادىمى ئىدى. داۋا ئادەملىرىنىڭ روھىي ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ. ئۇلار، جاپاسىنى تارتقان مۇقەددەس دەۋانىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان خەلقنىڭ قەلبىدە ھەر زامان ئۇنتۇلمايدۇ. مەرھۇمنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىزگە مىراس قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىش بىز ھايات قالغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيىتى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1926 ‏- يىلىدىن 1995 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى ۋاپات بولغانغا قەدەر سۇنماس ئىرادە ۋە سەۋرچانلىق بىلەن پىداكارلىق روھىي ئىچىدە داۋاملىق ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. ھۆرىيەت ۋە ئىستىقلالنى جەڭگىۋارلىق بىلەن قوللاپ كەلدى. ھاياتىنىڭ ھەر كۈنىنى تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سەرپ قىلدى. كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى، بىر تىرە، بىر سۆڭەك بولدى، ئەمما قۇتۇلۇش نۆۋىتى شەرقىي تۈركىستاندا دەپ يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلىپ ئالەمدىن كەتتى."

ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى، مەرھۇم دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ، ھىجرەت قىلىشتىكى ئاساسى مەقسەتلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "1949 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستان قىزىل خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيادا ئۇنتۇلغان، باشتا تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۇنياسى، ياۋروپا ئەللىرىدە ھېچ بىلىنمىگەن شەرقىي تۈركىستاننى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇچار بولغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈيۈك لىدەرلىرىدىن مەمتىمىن بۇغرانىڭ ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق دېگەن مەنىلىك سۆزى بىلەن ھىجرەت قىلىش قارارى ئېلىنىدۇ ۋە بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلىدۇ، مەن شۇ چاغدا 8 ياشتا ئىدىم."

ئارسلان ئالىپتېكىن سۆزىدە يەنە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى مۇھىم خىزمەتلىرىنى خاتىرىلىتىپ مۇنداق دېدى: "مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھىندىستاندا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش شەرتى بىلەن ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىلگەن 1850 نەپەر ئۇيغۇر - قازاقلاردىن تەركىب تاپقان شەرقىي تۈركىستانلىقنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئىزدىگەن.

1954 ‏- يىلى ھىندىستانغا دەسلەپتە كەلگەن ۋە ھاياتلىرى قىيىن ئەھۋالدا قالغان 92 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىشى ئۈچۈن، ئاخبارات ئارقىلىق، ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە مۇسۇلمان ۋە ھىندى بايلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇلارنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغا سالغان.

1954 ‏- يىلى يەنە ھىجازدا 1 ‏- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق قىلغان. ھىجازدىكى قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قاراردا، مۇھاجىرەتتىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىك ئىچىدە پائالىيەت قىلىش ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەلەپ قىلمىغۇچە، مىللەتچى گومىنداڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماسلىقنى قارار قىلغان.

شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلدۇرغان. گېزىتلەردە باياناتلار ئېلان قىلغان. 1965 ‏- يىللاردا ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپى بولغان 600 گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ مۇھىم خىزمەت قىلغان.

1960 ‏- يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنى قۇردى ۋە 20 يىل ئۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيىدە 30 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ ھەر بىرىگە ئەڭ ئاز دېگەندە 2 قېتىم بەزى شەھەرلەرگە 7 قېتىم زىيارەتكە بېرىپ، يىغىن ئۇيۇشتۇردى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلاتتى. مەرھۇم يەنە كۆپلىگەن دۆلەت ئەمەلدارلىرى، دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي لىدەرلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ب د ت نىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاننى قوغداش ئۈچۈن تەلەپ ۋە ئىلتىجا قىلدى."

يىغىندا يەنە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇقادىر دونۇك ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم بىر نۇقتىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن. بىرىنچى قىلىپ تۈركىيە دەيمىز، تاشقى تۈركلەر بىز ئۈچۈن بىر كۈچ، ئەمما ئۇ يەردىكى تۈركلەر ئۈچۈن تۈركىيە بىر ئۈمىد. بىزگە قۇۋۋەت بەرگەنلەر ياخشى ياشىشى كېرەك. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن بۇ گۈزەل ۋەتەننى قوغداپ يوق بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىمەن. ئەقلىمىزنى يىغىپ، مۈجمەل يوللارغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن توختايلى. تارىختىن بىرى نەشر قىلىنغان خەرىتىلەرنى نەچچە ئەسىردىن بىرى كۆرۈۋاتىسىلەر، شەرقىي تۈركىستان ھېچقاچان باشقا بىر دۆلەتنىڭ بىر پارچىسى بولمىدى. دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ يەردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ساھىب چىقىشىمىز كېرەك."

شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇھىم شەخسلىرىدىن بىرى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھۆر دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن 1950 ‏- يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ، كەشمىر ۋە ھىندىستانغا كەلدى. كېيىن تۈركىيىگە كەلدى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھاياتىدا 50 يىلدىن ئارتۇق پائالىيەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھۆر دۇنياغا ئاڭلاتتى. مەرھۇمنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر بىلدۈرىمىز، مەرھۇمنى ئەسلەيمىز. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، روھىي شاد بولغاي. ھايات قالغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، سەپداشلىرى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىپ، مەرھۇم قالدۇرۇپ كەتكەن يەردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش يولىدىكى خىزمەتنى داۋام قىلدۇرۇشى كېرەك."

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى ناملىق كىتاب يازغان، دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ ئەپەندى بار بولۇپ، مەسئۇت سابىرى بايقۇزى، مەمتىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنىڭ ھايات ئىش - ئىزلىرىنى ئۆگىنىش بەك مۇھىم. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەرك گېزىتىدە ئۆزىنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يازغان: دىنىمىز ئىسلام، مىللىتىمىز تۈرك، ۋەتىنىمىز تۈركىستان دېگەن ئىپادىسى، پۈتكۈل ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەلقنىمۇ بۇ مەقسەتتە يېتىشتۈرۈشكە تىرىشقان ۋە ئاخىرقى مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈش ئىدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى 1947 ‏- يىلىدىكى ئۇلار كەلتۈرگەن باسقۇچقا، 2010 ‏- يىلى ئېتىبارى بىلەن قارايدىغان بولساق، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۇلار كەلتۈرگەن باسقۇچتىن بەك تۆۋەن دەرىجىدە كۆرۈنۈۋاتىدۇ."

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى، ئەخمەت يەسەۋىي ۋەخپىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئەخمەت يەسەۋىي ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئەردۇغان ئەسلىيۈجە ئەپەندى، ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە تارىخ تەتقىقاتچى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.