ئىلھام توختى: ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدىم، ئەمما يولۇمدىن ۋاز كەچمىدىم

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز ئالدىنقى كۈنكى پروگرامىمىزدا، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ، فرانسىيە زىيارىتىدىن كېيىن ئاۋارىچىلىققا يولۇققانلىقى ۋە نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئىلھام توختىنىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

0:00 / 0:00

ئىلھام توختى، مۇخبىرىمىزنىڭ 3 ‏- ماي ئاخبارات كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان زىيارىتىدە، ئۆزىنىڭ ئاز - تولا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن يولىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىلەر مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ، ئاۋارىچىلىققا يولۇققاندىن كېيىنكى تەسىراتى ھەققىدىكى مەلۇماتمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.