قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىم شېرىپاخۇن باراتوف بىلەن خوشلاشتى

2012-يىلنىڭ 17-دېكابىردا ئالماتادا كۆرنەكلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى، پېداگوگ ۋە ئۇستاز شېرىپاخۇن باراتوف 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.12.18
sheripaxun-baratof-305.jpg (سولدىن) ھەسەنجان ئاخمادۇللايېف، شېرىپاخۇن باراتوف، زېرىپ مولوتوف.
RFA/Oyghan

18-دېكابىردا ئالماتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كەلگەن كۆپ ساندىكى يۇرت-جامائەتچىلىك ئالىمنى ئاخىرقى سەپەرگە ئۇزاتتى. دەپنە مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى ۋە باشقىلار مەرھۇمنىڭ قازاقىستان، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىگە، مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيىتىگە، جەمئىيەتلىك ئىشلارغا قوشقان تۆھپىسىنى، ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شېرىپاخۇن ئابدۇجېلىل ئوغلى باراتوف 1935-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك ناھىيىسىگە قاراشلىق قارىتورۇق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپ ئۆز يۇرتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئاندىن ناھىيە مەركىزى چېلەك يېزىسىدا بىلىم ئالغان. دادىسى ئابدۇجېلىل ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، جەڭ مەيدانىدا قازا بولغاندىن كېيىن، ئانىسى زەينەپ ئۈچ بالا بىلەن قالغان. ش.باراتوف 1956-يىلى ياركەنت پېداگوگىكا مەكتىپىنى تاماملاپ، شۇ يىلى ئالماتادىكى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئۇنى 1961-يىلى تۈگەتكەندىن كېيىن يۇرتى قارىتورۇقتا ئىككى يىل مۇئەللىملىك قىلغان. ئۇ كىچىكىدىن ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ 1963-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ ئاسپىراتۇرىسىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇنى تاماملاپ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە، ئاندىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا، 1996-يىلى ئىنستىتۇت يېپىلغاندىن كېيىن، تا 2005-يىلغىچە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە تىلشۇناسلىق بويىچە ئىلمىي لايىھىلەرگە قاتناشقان. ئۇ كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورىدۇر.

ش. باراتوف ئۇزاق ۋاقىت مابەينىدە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى تەييارلاشقا ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ ئۇيغۇر تىلى پېنى بويىچە يىگىرمىدىن ئوشۇق دەرسلىك ۋە قوللانمىلارنىڭ ئاپتورى. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ ماقالىلىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتلىرىدە ئۈزلۈكسىز بېسىلىپ تۇردى. ئالىم ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، مائارىپى، مەدەنىيىتى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە باي مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى يېنىدىكى ئاتالغۇشۇناسلىق كېڭىشىنى باشقۇرغان.

ش. باراتوفنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا پائال ئارىلاشقانلىقىمۇ ياخشى مەلۇمدۇر. ئۇ ئۇزاق ۋاقىت ئالماتا شەھىرى ئەۋېزوف ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇنداقلا رەئىسى ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئاتقۇرغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم زىيالىيلاردىن ئۆكتەبىر جامالىدىنوف ۋە زېرىپ مولوتوفلار مەرھۇم شېرىپاخۇن باراتوفنى ئەسلەپ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.