0:00 / 0:00
غۇلجىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۈرۈمچىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن رىزا ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆمۈر بويى رادىئو ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، دادىسى زىيا سەمەدىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمە خاراكتېرلىق ئەسىرى " ئىستەك ۋە قىسمەت" نى نەشىرگە تەييارلاپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ رىزا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.