ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشماقتا
2012.12.31

قازاقىستاننىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۇ ئۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۆھپىسى باردۇر. بۇ يىلنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ن.نازاربايېف مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن بىر قاتار قازاقىستانلىقلارنى مۇكاپاتلاش توغرىلىق پەرمان چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارمۇ بار. ئاتاپ ئېيتقاندا، «ئۇنىۋېرسال» ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ مۇدىرى زاكىرجان قوزىيېف «ئۈلگىلىك ئەمگىكى ئۈچۈن» مېدالىغا، سەنئەتكار دىلناز ئەخمەدىيېۋا بولسا، «قازاقىستاننىڭ ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئەربابى» ئاتىقىغا سازاۋەر بولدى.
بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى مەجلىسىنىڭ دېپۇتاتى مۇرات ئەخمەدىيېف، ئالماتا شەھەرلىك سوت ئانالىزى ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئانالىزچىسى ۋېنېرا ئىلىيېۋا، ئالماتا شەھەرلىك ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرى شىپاخانىسىنىڭ خادىمى ئامىنەم مۇخپۇلوۋا، ئۇيغۇر ناھىيىلىك تەنتەربىيە ۋە تەنھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ھېتاخۇنوفلار ئايرىم مىنىستىرلىقلار ۋە ئىدارىلەرنىڭ يۇقىرى مۇكاپاتلىرى بىلەن تەقدىرلەندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف 2012-يىلى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بەرگەن ۋاقەلەر ھەققىدە توختالدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.