چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر، خىتاينىڭ سىياسىتىنى پاش قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەمدە سىياسىي تەلىم ‏- تەربىيە ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئىلى تەۋەسىدە ھەتتا ئۆيمۇ ‏- ئۆي كىرىپ بۇ ھەقتە تەربىيە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.


بۇ ھەقتە ئۆتكەن ھەپتىلىك ئاڭلىتىشىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا چىققان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

سۆھبەت داۋامىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى نامى بىلەن باستۇرۇلغاندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، دىنىي، مائارىپ ھەمدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرى قاتارلىق قاتمۇ ‏- قات رېجىملار ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org