«خىتاي دۇنياغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە» ناملىق كىتاب ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەتئەللەردە خىتاي توغرىسىدا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا كۆپ ساندا كىتاب نەشردىن چىقتى.

0:00 / 0:00

2010-يىلى قىرغىزىستانلىق تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى تۆت يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق رۇس تىلىدا، «خىتاي دۇنياغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە» ماۋزۇلۇق كىتابنى نەشر قىلدۇرغان ئىدى. يېقىندا، بۇ كىتابنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىگە قويغان.

500 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ كىتاب ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. قىسىم خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك نەپسانىيەتلىرى. بۇ قىسىم ئون بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1-باب. خىتاينىڭ مەخپىي ئىستراتېگىيىسى
2-باب. خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا كېڭىيىشى
3-باب. ھىندى ئوكياندىن بونىڭ دېڭىزىغىچە
4-باب. خىتاينىڭ ئاسىيا ۋە دۇنيادا ھۆكۈمرانلىققا ئىنتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى
5-باب. خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى
6-باب. خىتاينىڭ قۇدرىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى تەشۋىشلەندۈرمەكتە
7-باب. دېموگرافىيىلىك ئەكسىلئىنقىلاب
8-باب. دېموگرافىيىلىك ئۇيغۇنسىزلىقلار
9-باب. تەرەققىياتنىڭ گېئوسىياسىي سېنارىيىلىرى
10-باب. نېفىتنى قوغداش

2. قىسىم ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسى بولۇپ، بۇ قىسىم بەش بابتىن تۈزۈلگەن.

1-باب ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋە تېررورىزم
2-باب 2002-يىلىدىن بۇيانقى قولغا ئېلىش ۋە كېسىم كېسىش ۋەقەلىرى توغرىلىق تەخمىنى مەلۇماتلار
3-باب خىتايچە تېررورىزمنىڭ رەسمىي ئېنىقلىنىشى
4-باب چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى
5-باب قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىنسان ھەقلىرى ۋە تېررورىزم بويىچە ئېلان قىلىنغان قوشۇمچە ماتېرىياللار

3-قىسىم ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىشى تاجاۋۇزلار بولۇپ، بۇ قىسىم ئۈچ بابتىن تۈزۈلگەن.

1-باب. تارىخىي ماتېرىياللار
2-باب. ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان بوشلۇقىدا
3-باب. سوقما تام سېپىلىنىڭ سىرلىرى

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تور بېتىنىڭ مەسئۇلى ئېزىز ئەيسا ئەپەندى سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىلەر.