مەزكۇر كىتاب نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى، ھيوگو مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوساكا شويىن قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قىز-ئايال تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدۇر. شۇنداقلا نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مىياساكا ياسۇكو خانىمنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتابقا جەمئىي يەتتە نەپەر ياپونىيىلىك خانىملارنىڭ ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئوسما سىقىۋاتقان كۆرۈنۈشى بىلەن يەنە بىر مۇسۇلمانچە كىيىنىۋالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ رەڭلىك سۈرەتلىرى بېرىلگەن.
كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ياپونىيە نارا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مىياساكا ياسۇكو خانىمنىڭ بۇ تەتقىقات ماقاللىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولۇپ، تەتقىقات ماقاللىرىنىڭ ئاپتورلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ خىتايدىكى يىپەك يولى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالى،جەنۇبى قاتارلىق يەرلەردىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ۋە يېزا-قىشلاقلاردا ۋە شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مىللەت تەركىبى ۋە نوپۇسى ئۈستىدە توختىلىپ بۇ قېتىمقى ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى بىلەن ياپون قىز-ئاياللىرى ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، كىيىم-كېچەكلىرى، يېمەكلىكلىرى، تۇرالغۇ جايلىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ سەپىرىنىڭ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.
كىتاب جەمئىي يەتتە بابتىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى باب: ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى دېگەن تېمىدا بولۇپ بۇ بابتا مىياساك ياسۇكو خانىم يەنى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بالا تۇغۇلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇغۇت ئادەتلىرى ۋە شۇنداقلا پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بۆشۈككە بۆلەش ئۆرپ-ئادىتى، پەرزەنت تەربىيىلىشى، كەنجى ئوغۇلنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش ۋە ھايات كەچۈرۈش ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، ھەمىشە قەينى ئانىسىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىغا كۆپرەك يېقىن بولۇشى ۋە شۇنداقلا ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى توغرىسىدا توختالغان. ئۇندىن باشقا يەنە بۇ بابتا مىياساكا ياسۇكو خانىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى ھەققىدە توختالغان ۋە بۇ ماقالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ھاياتى قەيەرگىچە داۋاملىشالايدۇ؟ دېگەن تېما بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
ئىككىنچى باب: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئائىلە تۇرمۇشى دېگەن تېما بولۇپ، ھيوگى مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھاتتورى نورىكو خانىم جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. يەنى قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار، ئىسلام ۋە قىز-ئاياللار، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئوغۇل-قىزلار مائارىپى قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان.
ئۈچىنچى بابتا بولسا، نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىۋاساكى ماسامى خانىم جەنۇبتىكى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەر ھەققىدە توختىلىپ يەنى ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى، ياغلىق ۋە ھىجابلىرى، يارىشىملىق ھۆسن تۈزەش گىرىم بۇيۇملىرى، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ۋە شۇنداقلا يىپەك كىيىملىرى، قىز-ئاياللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكتىكى ئورنى قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تۆتىنچى بابتا بولسا ئوساكا شويىن قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ماسايو مۇراتا خانىم شىمالدىكى كىيىم-كېچەكلەر دېگەن تېمىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇ يەردىكى قىز-ئاياللارنىڭ چاچ پاسونى، كىيىم-كېچەكلىرى ئالتۇن،كۈمۈش ۋە قۇرئان كەرىم، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىنچىكە ئىزدەنگەن ۋە بۇ بابنىڭ ئاخىرىغا ئۇيغۇر تىلىدىكى زىبۇزىننەت، ھۆسن تۈزەش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، دوپپا ۋە ئائىلە بۇيۇملىرىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەر لۇغەت شەكلىدە ياپونچە ۋە ئۇيغۇرچە بېرىلگەن.
بەشىنچى بابتا بولسا، نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ناكاتا رىئەكو خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ،يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تائاملىرى، مېۋە يېمەكلىكلىرى،چاي مەدەنىيىتى ۋە يېمەك ئادىتى، ئالاھىدە يېمەكلىكلەر قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان. ئالتىنچى بابتا نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن سەتو ئاكىكو خانىم قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، قۇملۇقتىكى بۇ بوستانلىق شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئاراملىرى، ئۆي ئىچىدىكى بېزەكلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش ئاساسلىرى، قەدىمىي ئۆي-ئىمارەتلەر، مېھمانلارنى قانداق كۈتۈش، مېھمان-ساراي ئۆيلىرى، ئۆي ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ بېزىلىشى ۋە شۇنداقلا قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى كىچىك يېزىلار توغرىسىدىكى تېمىلاردا توختىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا گۈلگە ئامراق مىللەت دېگەن تېما بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. يەتتىنچى بابتا نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كۇبو ھىروكو خانىم قەشقەردىكى قىشلىق ھايات ۋە ھازىرقى شەھەردىكى ئۆيلەر دېگەن تېمىدا توختالغان بولۇپ، بۇ تېمىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا كىلىماتى، قەشقەردىكى قىشلىق ھايات، قەشقەر شەھىرىگە سېلىنغان بىنالار ۋە شۇنداقلا ئىسلام دىنىي،ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتكەن. مەزكۇر كىتابقا جەمئىي بىر يۈز توقسان پارچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەڭلىك سۈرەتلەر بىرلىكتە بېرىلگەن.
مەزكۇر كىتابنى ئوقۇپ تاماملىغان ئوقۇرمەنلەردىن بىر خانىم ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ كىتاب، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ئاياللارنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ماقاللىرى بولۇپ، مەزكۇر كىتاب چۈشىنىشلىك ۋە قىزىقارلىق يېزىلغان، مەن داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇشۇنداق كىتابلارنى ياخشى كۆرىمەن.