مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى سىمپفېردورفېر ئەپەندى خەلقئارا ئىستراتېگىيە جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي، ئەرەب تىللىرىنى پىششىق بىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۇزۇن يىل بېيجىڭ، بېيرۇت ۋە دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەردە ئىقتىسادىي تەتقىقات ئىشلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئاپتور خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردىن فىنانكىئال تايمىس، نيۇ-يورك تايمىس قاتارلىق مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى.
ئاپتورنىڭ بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان «يېڭى يىپەك يولى» ناملىق كىتابى جەمئىي 8 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ. 1-باب: يېڭى يىپەك يولى، ئەرەب دۇنياسىنىڭ خىتاينى قايتىدىن تونۇشى. 2-باب: خىتاينىڭ نېفىت دوللىرى ۋە نېفىت ئۈچۈن مۇسابىقە. 3-باب: ئەرەب ئىقتىسادىي فوندى ۋە كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسلام كارىدورى. 4-باب: سۈرىيىنىڭ خىتايدىن ئۆگىنىشى ۋە خىتاينىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى. 5-باب: ياش-خانىم قىزلار ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى. 6-باب: خىتايدىكى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى. 7-باب: ئەرەب تىلىنىڭ دۇنيالىشىشى. 8-باب: غەربكە دىققەت قىلىش قاتارلىق 8 باب، 199 بەتتىن تەركىب تاپقان. ئاپتور كىتابىدا خىتايدىكى مۇسۇلمان خەلق دەپ قارالغان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ئوخشاش بولغان ئىسلام دىنىدا بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارغا پەرقلىق دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى مۇنداق باشلايدۇ:
«خىتاي دۆلىتى ئەرەب ئەللىرى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن داۋاملىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۆزلىرىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى كوزىر قىلىدۇ. مەسىلەن: 2009-يىلىدىكى ئەرەب بىرلەشمە يىغىنىغا قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولغان خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆز-ئارا رىشتىلىرى باغلانغان تارىخىي مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى. خىتايدا ئوتتۇز بەش مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ ۋە يىگىرمە مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ بارلىقىنى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى ھالال يېمەكلىكلەر زاۋۇتى قۇرغانلىقىنى ۋە توغرا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتور يەنە ھەقىقەتەن خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى شۇنداق توغرىمۇ؟ ئەلۋەتتە خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردىن باشقا مۇسۇلمانلار بۇ سىياسەتتىن توغرا نەپ ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 20 مىليون مۇسۇلمان نوپۇسىغا ئىگە خىتايدىكى سەككىز مىليون ئۇيغۇر بېسىم ۋە ئازابنىڭ ئىچىدە ياشىماقتا. پەقەتلا خىتايدىكى 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۇڭگانلار خىتاينىڭ توغرا دىنىي سىياسىتىدىن گۈللىنىپ، راۋاجلانماقتا.»
ئۇنداقتا تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار كىملەر؟ تۇڭگانلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خىتايلار بولۇپ، ئۇلار يىپەك يولىغا سەددىچىننىڭ ئىچىدىن كۆچۈپ كەلگەن خەلق. ئۇيغۇرلار بولسا تۈركىي مىللەت بولۇپ، ئۇلار يەرلىك مىللەت. تۇڭگانلار دىنىي جەھەتتىن خىتايلار بىلەن پەرقلەنسىمۇ، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلار بىلەن ئوخشاشتۇر،- دەيدۇ ئاپتور كىتابىدا. ئۇ، خىتايلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنىڭ زورلۇقىنى ۋە ئىلگىرى كارۋانلار يۈرگەن بۇ يىپەك يولىدا ئەمدىلىكتە خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىللار بىلەن يول يۈرۈپ كېزىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەتلا خىتاينىڭ ئۆز ئېھتىياجى نېفىت ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە ئەرەب دۇنياسى دىنىي ئېتىقاد ۋە چىراي شەكىل جەھەتتە خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دىنىي ھېسسىيات جەھەتتىن كۆپرەك پۇل ھېسسىياتىغا بېرىلىپ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بولۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاپتور كىتابىنىڭ 8-بابىدا دۇنيا خەلقىنىڭ خىتاينىڭ تۇڭگان مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى،خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: خىتايدىكى تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەر قارىمۇ-قارشى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت نوقۇل دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى زىددىيەت ئەمەس، بەلكى زېمىن داۋاسى توغرىسىدىكى زىددىيەت بولۇپ، خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە ئايروپىلان بىلەن 4-5 سائەت يول يۈرسىڭىز بارالايسىز. بۇ خۇددى لوندون بىلەن موسكۋاغىچە بولغان ئارىلىققا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان خەلقتۇر. ئۇيغۇرلار زېمىنى 1760-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان تۇپراق بولۇپ، ئۇلار كېيىنكى دەۋرلەردە رۇسلارنىڭ كونتروللۇقىغىمۇ ئۆتكەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلغان، ئۇيغۇرلار مۇستەقىل «تۈركىستان» قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، 1990-يىلىدىكى «بارىن ئىنقىلابى» نىڭ بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇ شۇنداقلا تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشتىكى سان پەرقلىرىنى، 2009-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر بولغان ھەج سانلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، تۇڭگانلارنىڭ ھەج جەھەتتىكى ئەركىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.