سابىق ئازادلىق جەڭچىسى زىلالىدىن سابىروف قىرغىزىستاندا ۋاپات بولدى

سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى زىلالىدىن سابىروف قىرغىزىستاندا ۋاپات بولدى.

0:00 / 0:00

ئۇ 1944‏- يىلى مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان ۋە ھازىرغا قەدەر ياشاپ ھايات قالغان ئاز ساندىكى ھەربىي جەڭچى- ئوفىتسېرلارنىڭ بىرى ئىدى. 80 يېشىدا ۋاپات بولغان زىلالىدىن ئاكا سابىروف، 1950‏- يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، كېيىنكى 60 يىللىق ئۆمرىنى بۇ ئەلدە ئۆتكۈزگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.