ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
2024.01.11
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 11-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ X (تىۋىتتېر) ھېسابىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى راھىلە داۋۇت ھەققىدە ئۇچۇر يوللاپ: «خەۋەرلەرگە قارىغاندا، داڭلىق فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلار ۋە تېخىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يوق قىلىۋېتىشنى توختىتىشى كېرەك» دەپ يازغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يەنە 6-يانۋار كۈنى X دا چىقارغان ئۇچۇرىدا، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان تۆھپىكار كارخانىچى، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «ئەكبەر ئەسئەت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتناشقاندىن كېيىن خىتاي تۈرمىسىگە سولاندى ۋە بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ تۈرمىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش يولىنى ئىزدىشى كېرەك» دەپ يازغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يىللاردىن بېرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە بۇنىڭغا ئائىت قانۇن-نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى بۇ ھەقتە يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇپ كەلگەنىدى.