بىڭتۈەن ئارال شەھىرىدىكى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونىدا تۇنجى «ساقچى-كارخانا مۇلازىمەت مەركىزى» قۇرغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونلىرىدا «ساقچى-كارخانا مۇلازىمەت مەركەزلىرى» قۇرۇپ، ساقچى ئورگانلىرى بىلەن كارخانىلار باغلانغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا باشلىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «ج خ خىزمىتى بىلەن كارخانا مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ»، كارخانىلارغا «مۇقىملىق مۇلازىمىتى» قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى «ساقچى-كارخانا مۇلازىمەت مەركىزى»، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-دىۋىزىيەسىنىڭ «ئارال ئىقتىسادىي تېخنىكا ئېچىۋېتىش رايونى» دا قۇرۇلغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» نىڭ 12-مارت بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئارقىلىق «بىڭتۈەن، ‹شىنجاڭ ساقچى كارخانىلار مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى› خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينىماقتا» ئىكەن.

خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇنىدا لاگېرلارغا قامالغان نۇرغۇن تۇتقۇنلار، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسىغا قاتناشقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى ياكى سانائەت باغچىلىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەشكە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىڭتۈەننىڭ خىزمەتچى كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىن بېرى 19 مىڭ 200 يېڭى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ساقچى-كارخانا مۇلازىمەت مەركىزى» ئىقتىدارلىق ساقچىلار تاللاش، ئەۋەتىش ياكى تەيىنلەش ئارقىلىق «زىيارەت، تەكشۈرۈش، سودىغا مۇناسىۋەتلىك دېلو ۋە ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، توقۇنۇش ۋە تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش، ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيە خىزمىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىدىكەن؛ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ھاياتىي مەنپەئەتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قوغدايدىكەن».

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش»نامىدا ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا دىگىتال تەقىبلەش سىستېمىسى قۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى كونترول قىلماقتا ئىكەن.