ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كۈچەيگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-03
Share

ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كۈچىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيەگە رەسمىي تەھدىت سالغان. «ئاۋسترالىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان سىياسەتچىلەرنى شىنجاڭدىكى «تېررورچىلار» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەگەر ئۇلار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق قوللىسا كانبېررانىڭ «كۆيىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ ئاۋسترالىيەلىك سىياسەتچىلەرگە «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نى قوللاپ، خىتايغا قارشى «تېررورلۇق «تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈردى، دەپ ھۇجۇم قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. «ئاۋسترالىيە» گېزىتىنىڭ ‍ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ خىتاي تاراتقۇلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندېرىۋ خاستى بىلەن مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى رەكىس پاترىكقا ھۇجۇم قىلغان.

رەكىس پاترىك «ئاۋسترالىيە گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، خىتاي تەرەپنىڭ بايانلىرىغا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقى، چۈنكى بۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنى خورلاشنى توختىتىشقا ياردىمى يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ:

«مېنىڭ دىققەت نۇقتام ئادېلايد ۋە پۈتۈن ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنىڭ ئىزتىراپىنى چېكىۋاتقان ئائىلىلەرنى قوللاشتۇر» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت