ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلامدۇ؟
2021.01.27
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي پاجىئەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ماس ھالدا بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى ئۈمىد قىلىنىۋتانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش بولۇپقالماقتا.
CNN ئاگېتلىقىنىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە 90 نەچچە دۆلەت ئۆز تەنھەركەتچىلرىنى ئەۋەتىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولغان خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى قانداق بىر ياقلىق قىلىدىغانلىقى جىددىي بىر سىناق بولۇپ قالغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ خادىمى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھازىر بۇ مەسىلە ھەققىدىكى بېسىملار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئالدىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ،» دېگەن. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ھۆكۈم بىۋاستە ھالدا برەر جازانى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن سالماقلىق بىر مەسىلە ئىكەن.
نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى سىياسىيونلار بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى چۆرىدەپ داۋام قىلماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىز ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلغىنىمىز يوق،» دەپ تۇرۇۋېلىشى بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە زور توسقۇنلۇق پەيدا قىلماقتا ئىكەن. ئەمما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ: «ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بىر دۆلەتكە بەرگەنلىكىمىز بىزنىڭ ئۇ دۆلەتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى توغرا دەپ قارىغانلىقىمزغا باراۋەر ئەمەس،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى رەسمىي قارارنىڭ ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى دىپلوماتىيە ۋە پۇقراۋىي ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ كۈچلۈك داۋام قىلماقتا ئىكەن. شۇنداقلا بۇ مۇسابىقىنى تولۇق بايقۇت قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا، ھېچ بولمىغاندا قىسمەن بولسىمۇ بايقۇت قىلىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.