مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نەزىرى خىتايغا تىكىلىشكە باشلىدى
2022.08.09
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ يېقىندا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئۆزىنىڭ ئاساسىي دىققىتىنى خىتايغا قارىتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى بىر يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېيۋىد كوئېن (David Cohen) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «تالىبانلارغا ۋە باشقا تېررورچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز. ئەمما بىزنىڭ ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچىمىز تېخىمۇ بەكرەك خىتايغا مەركەزلىشىشى لازىم» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزنى تالىبانلارنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى ئايمان زاۋاھىرى (Ayman al-Zawahri) يېقىندا كابۇلدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئېيتىلغان. يەنە كېلىپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھەيۋە كۆرسىتىشىمۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ تالىبانلاردىنمۇ بەكرەك تەھدىت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. يەنە كېلىپ يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەرقايسى زاتلارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيسون كروۋ (Jason Crow) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «رۇسىيە ۋە خىتاي بىز ئۈچۈن زور تەھدىت. ئەمما تېررورچىلار ئامېرىكانى ۋەيران قىلىۋېتەلمەيدۇ. لېكىن ھۇشيار بولمىساق خىتاي بىزنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن.