دالاي لاما ئۆزىنىڭ ئىزباسارىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەس، تىبەت خەلقى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.09

خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي، ھىندىستان ۋىزىسىغا ئېرىشكەن تىبەت سۈرگۈندىكى روھانىي داھىيسى دالاي لاما تىبەتلەردىكى دالاي لامالىق ئورنىنىڭ تىبەت بۇددىزىمىدىكى «قايتا تۆرىلىش» ئەنئەنىسى بويىچە تىبەت خەلقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ئىزباسارىنى خىتاينىڭ بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لاما بۇ سۆزىنى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادىش شىتاتىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى بەلگىلەش ھوقۇقى يوقلۇقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتېئىست ئىكەنلىكى، يەنى دىنغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دالاي لاما بۇ يىل ئالى راھىبلار يىغىنى چاقىرىپ، كېيىنكى قېتىملىق دالاي لاما مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، خىتاي تەرەپ ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ئارۇناچال پرادىش شىتاتىدا بىر ھەپتە پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان تەرەپ بۇنىڭ «ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكى، «ھېچكىمنىڭ دالاي لامانىڭ دىنى ۋە مەنىۋى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى شىتاتلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا ھەر خىل رەڭ بەرمەسلىك»نى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.