د ئۇ ق خىتاينى «يەكەن ۋەقەسى» ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى
2013.12.31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى 29-دېكابىر يەكەن ناھىيىسىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 8 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىردى.
باياناتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنى دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تەپسىلىي دېتاللىرىنى تولۇق ئاشكارىلاشقا چاقىرىپ، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك، دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى سەھەردە يەكەن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان 9 نەپەر ئۇيغۇردىن 8 نەپىرىنىڭ ئېتىپ تاشلىنىپ، بىر نەپىرىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى 45 كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن 3 -قېتىملىق توقۇنۇش بولۇپ، بۇ توقۇنۇشلاردا توپلام 35 ئادەم ئۆلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق د ئۇ ق بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆكتىچى پىكىرلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى، دەپ كۆرسەتتى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم : بۇ ۋەقە، ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى دۆلەت زوراۋانلىقىغا تايىنىپ باستۇرۇشتىن ئىبارەت يېقىنقى يۈزلىنىشنىڭ يەنە بىر دەلىلى. دائىرىلەر قانۇنى تەرتىپلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاتتى ۋە ئۆلتۈردى. ئۇلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسەتتى، دېگەن.