ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئايروپىلانلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.31

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەنگلىيەگە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇنى چەكلەشكە چاقىرىلغان.

31-يانۋار، «سىياسەتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندا ئەنگلىيە پارلامېنتى پارتىيە ھالقىغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى داۋىد ئالتون ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يۈك توشۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ خېتىدە: «مەن بۇ ئايروپىلانلارنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگلىيەگە توشۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،  2024-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە قاتنايدىغان 3 ھاۋا يولى ئېچىلغان بولۇپ، ياۋروپانىڭ «تىتان» ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانلىرى ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئۈرۈمچى بىلەن لوندون ئارىسىدا قاتنايدىكەن. بۇ ئايروپىلان 2024-يىل 12-ئايدىن باشلاپ، مەخسۇس توردا زاكاز قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى توشۇش مۇلازىمىتىنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا مال توشۇش شىركىتى 10-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەنىڭ كاردىف شەھىرىگە ئاۋىياتسىيە مال توشۇش لىنىيەسى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئايروپىلاندا مال توشۇيدىكەن، بۇ ماللارمۇ ئاساسەن توردا زاكاز قىلىنغان ماللار ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئايروپىلانلار بىر قاتنىشىدا 59 توننا مال توشۇغان.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى داۋىد ئالتون ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يازغان خەتتە، ئەنگلىيە تاموژنا ئورۇنلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھانسون ئەنگلىيەگە قەرەللىك كىرىپ تۇرغان بۇ ماللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى بېكىتىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. داۋىد ئالتون ئەنگلىيە تاموژنا ئورۇنلىرىنىڭ تا ھازىرغىچە بۇ مەسىلىنى تەكشۈرمىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ: «مانا بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مەغلۇبىيىتىدۇر، ئەنگلىيە ھازىر خىتاينىڭ ئەخلەتخانىسىغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.