خىتايدا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانالىنا بائېربوك 14-ئاپرېل جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بائېربوك خانىم ئاخبارات يىغىنىدا گېرمانىيە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرى بىلەن يۈزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئانالىنا بائېربوكنىڭ 13-ئاپرېل باشلانغان ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېننىڭ زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان.
پرېزىدېنت ماكروننىڭ خىتايدا قىلغان تەيۋەن ھەققىدىكى سۆزى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە توختالغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقى غەرب تاراتقۇلىرىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى. يىغىندا، ئانالىنا بائېربوك خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ دوكلاتى» نى تىلغا ئېلىپ، خىتايدىن دوكلاتتىكى تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى، كەڭ كۆلەملىك قىيىن-قىستاق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىق، دىنىي ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۈمكىنلىكى» تەكىتلەنگەن.
بائېربوك خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ «ئىزتىراپ چېكىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئېنىق سۆزى» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكى»، ئۇنىڭ «زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بائېربوك ئاخبارات يىغىنىدا يەنە خىتاينى «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش» قا چاقىرغان، شۇنداقلا «تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي تىركىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ…. پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بىر ھادىسە بولىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇرغان.