لاگېردا يېتىپ چىققان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئوبۇل ب د ت دا خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.25

لاگېردا يېتىپ چىققان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئوبۇل 22-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى ئاقلىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «ھەرقانداق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىم ۋە ئىتتىپاقلىق چوڭ ۋەزىيىتىنى بۇزالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. گۈلنار ئوبۇل بۇ سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئالدىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارى مىشېل باچىلېت خىتاينى «شنجاڭدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ھەقىقىي رەۋىشتە تەكشۈرۈشكە يول قويۇش» قا چاقىرغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كانادا باشچىلىقىدىكى 44 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئ‍الىي كومىسسارىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. يىغىندا گۈلنار ئوبۇل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە دائىر قېلىپلاشقان چاقىرىقلىرىنى قايتا تەكىتلەپ: «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە: «ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى، يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان رايوندا ھېچقانداق تېرورلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكى»، «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىشقا ئاشقانلىقى، ئۇنېۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرىلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق ئۇ بۇ «تەرەققىيات» نىڭ قانداق بەدەللەرگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئ‍المىغان. رادىيومىز ئىلگىرى گۈلنار ئوبۇلنىڭ 2018-يىلى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇ كېيىنرەك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئ‍ۆزىنىڭ لاگېردا ياتقانلىقىنى ئ‍ىنكار قىلغان شۇنداقلا ئ‍ۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پەن-تېخنىكا جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.