ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا گۇننار ياررىڭ نامىدىكى قوليازمىلار ۋە مەنبەلەر تور ئامبىرى قۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.10.26

مەلۇم بولۇشىچە، ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىلار ۋە كلاسسىك مەنبەلەرنى توپلاپ، ئۇنىڭ رەقەملىك (دىجىتاللىق) تور ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان.

ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى شىۋېتسىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنى. بۇ ئىنستىتۇت شىۋېتسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئوسمان سۇلتانلىقى زامانىسىدە ئىستانبۇلغا قۇرغان ئەلچىخانىسىنىڭ كونا قورۇسىدىن ئورۇن ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا بۇ ئىنستىتۇت مەشھۇر تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭنىڭ بىر ئۆمۈر توپلىغان كىتاب-ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە شۋېد مىسسىئونېرلىرىنىڭ ئەينى چاغدا قەشقەردىكى باسمىخانىسىدا باسقان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە كىتاب-ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە مەخسۇس تور ئامبىرى قۇرۇپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق كىشى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تور بېتىگە كىرىپ،www.srii.se/Jarring <http://www.srii.se/Jarring> دېگەن ئادرېستىن بۇ ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.