ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.02.25

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىدە ئۇدا 14 كۈن ئېغىر دەرىجىدە ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان جايلار ئاساسلىق تۇرپان، كورلا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، ئوتۇنكوزا، سانجى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان.

25 ‏-فېۋرال كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ كورلا شەھىرىمۇ ئېغىر چاڭ-توزانلىق ھاۋا بىلەن قاپلانغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئاي ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىكەن. تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خادىمى دۇ شىنيىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، چاڭ-توزانلىق ھاۋانىڭ سەۋەبىنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل ھادىسىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كان بايلىقلىرىنى ۋە سۇ مەنبەلىرىنى قالايمىقان ئېچىش، يايلاقلارنى قالايمىقان ئىشلىتىلىشكە ئوخشاش ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ كىلىماتى، ھاۋا بۇلغىنىشى ھەققىدىمۇ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە پەنلىرى پروفېسسورى ستانلېي توپس ئەپەندى ئىلگىرى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» دېگەندەك ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇلغىنىشنىڭ تېز بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.