ئىچكى موڭغۇل سىياسى كېڭىشىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.05.29


26-ماي كۈن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ بىر نەپەر سابىق مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ئۆلۈم جازسى ئىجرا قىلىنغان.

شىنخۇا تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئالى سوتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ لىپىڭ ئۈستىدىن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، پارا يېيىش، قانۇنسىز ھالدا قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا ساقلاش دېگەندەك بىر قاتار جىنايەتلەرنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ھەم 26-ماي كۈنى شەنشى تەييۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت، ئالى سوتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە بۇيرۇق چىقىرىپ، جاۋ لىپىڭنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان.

خىتاي ئالى سوتى جاۋ لىپىڭنىڭ 2015-يىلى 20-مارت كۈنى ئىچكى موڭغۇلدىكى چىفېڭ شەھىرىدە بىر ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ يېنىدىن 49 پاي ئوق ۋە يان قورال چىققانلىقى، ئۇنىڭ يەنە 2008-2010-يىلى ئىچكى موڭغۇل جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاقتىدىمۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن زور مىقداردىكى پۇلنى قاقتى-سوقتى قىلغانلقىنى بېكىتكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللى تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم رايونلار قۇرغان جايلاردا يېقىندىن بۇيان ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغان تۇنجى سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى ھېسابلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. جاۋ لىپىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، 2005-2012-يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە2012-2013-يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

ئۇنىڭ تەرجىمھالىدىن قارىغاندا، 65 ياشلىق جاۋ لىپىڭ خىتاي ئالى پارتىيە مەكتىپى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم تەھسىل قىلغان شۇنىڭدەك ئۇ يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى بولۇپ، ئۇ بىر قىسىم رومان ۋە كۆپلىگەن ھېكايە-پوۋېست ھەم نەسرىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئىكەن. ئۇ يەنە بىر مەزگىل ئىچكى موڭغۇل ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.