خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق ئارغول كەنتىدە 2 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن
2014.04.17
14-ئاپرېل، خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكوي يېزىسىغا قاراشلىق ئارغول كەنتىدە ھىجاپلىق 2 ئۇيغۇر ئايالغا زوراۋانلىق قىلغان 2 نەپەر ياردەمچى ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى سائەت 6 لەردە، 2 نەپەر ياردەمچىسى ساقچى ھىجاپلىق 2 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنى توختىتىپ، ئۇلاردىن ھىجاپنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئاياللار ساقچىنىڭ بۇيرۇقىنى كىشىلىك ئەركىنلىككە قىلىنغان يولسىزلىق دەپ قاراپ رەت قىلغان.
دىلشات رىشىت، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئۇلار بۇ 2 ئايالنى تەقىب قىلىپ، ئۆيىگە قەدەر ئەگىشىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش نەتىجىسىدە، 2 نەپەر ئەر ئۆي ئىگىسى بۇ 2 ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن.
دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر ئىلىدىكى نۇرغۇن قانلىق ۋەقەلەرنى ساقچىلارنىڭ بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دائىرىلەرنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
دىلشار رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن بۇ 2 كىشى قېچىپ كەتكەن. دائىرىلەر ئىككى ھىجاپلىق ئايالنى قولغا ئالغان ھەم ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى قاماق قىلغان. قېچىپ كەتكەن 2 ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. يەرلىك دائىرىلەر بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىمىدى. لېكىن دىلشات رىشىت، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قېچىپ كەتكەن 2 كىشى ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.