كانادا پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپ ئەزالىرى ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكلىپ سۇندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.07

كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تۆۋەن كومىتېتى يېقىندا كانادا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە 7 ماددىلىق تەكلىپ سۇنۇپ، ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىش، «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاشقا چاقىرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويغان.

كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تۆۋەن كومىتېتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. مەزكۇر كومىتېتتىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ كومىتېتتىكى باشقا پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە سۇنۇلىدىغان تەكلىپ-پىكىر ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئالدىغا تەكلىپ پىكرى تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنغان.

7 ماددىلىق تەكلىپ پىكرىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كانادادىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرى ۋە مۇساپىرلىرىنىڭ رەسمىيىتىنى تېزلىتىشى، ھەرقانداق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، خىتاينى «قايتا تەربىيەلەش پروگراممىسى» نى بىكار قىلىشقا چاقىرىشى، كانادا تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەقىبلەش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى، «ماگنىتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى جازالاشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى. . . . . . قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 7 ماددىلىق بۇ تەكلىپ پىكرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. كانادا باش مىنىستىرى تېرىدو ئىلگىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدا 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ مەكتۇپ خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.