كانادانىڭ «خولفۇت» پارچە سېتىش زەنجىرى شىنجاڭ پەمىدۇرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامىنى بازارغا سېلىشنى توختاتقان

كانادانىڭ «خولفۇت»، يەنى «پۈتۈن يېمەكلىك» ناملىق يېمەك-ئىچمەك پارچە سېتىش زەنجىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەمىدۇرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامىنى بازارغا سېلىشنى توختاتقان. كانادا ئاخبارات شىركىتى-CBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانالنىڭ بازار پروگراممىسى ئ‍ىتالىيەدىكى بىر ئاخبارات ئورنى ۋە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كانادادا سېتىلىۋاتقان قىچا ۋە پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى مۈمكىنلىكىنى بايقىغان.

CBC نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار نەستىل، دېل مونتې، يۇنىلېۋېر قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق ماركىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي شىركەتلىرىدىن پەمىدۇر سېتىۋالىدىغانلىقى، ئۇنى پاكىستان، فىلىپپىن، ھىندىستانغا ئ‍وخشاش ۋاسىتىچى دۆلەتلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەپ خەلقئارا بازارغا سالىدىغانلىقىنى بايقىغان. خەۋەردە، كانادانىڭ لوبلاۋس، سوبېيس، خولفۇت قاتارلىق داڭلىق ماگىزىنلىرىدىكى ‍ئىتالىيە مەھسۇلاتى بولغان پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ پەمىدۇرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىىچە، بۇ ماگىزىنلارنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان ‍ئىتالىيە شىركەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ بىلەن سودا ئالاقىسى بار» ئىكەن.

خەۋەردە، خولفۇتنىڭ دۇكانلىرىدىكى «365 قوشلاپ قويۇقلاندۇرۇلغان پەمىدۇر قىيامى» نى «ئانتونىئو پېتى فۇ پاسكۇالې» ناملىق ئىتالىيە شىركىتى تەمىنلەيدىغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنخې شىركىتىدىن پەمىدۇر سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئىتالىيە مەھسۇلاتى، دەپ بازارغا سالغانلىقى، ئىتالىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن. CBC نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خەۋەردىن كېيىن خولفۇتنىڭ تورونتودىكى دۇكىنى «365 قوشلاپ قويۇقلاندۇرۇلغان پەمىدۇر قىيامى» نى سېتىشنى توختاتقان.