خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ جەم بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ جەم بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشى تەلەپ قىلىش ھەققىدە ئاممىۋى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغىغان.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس (Anthony Albanese) يېقىندا ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، سابىق ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى گوف ۋىتلامنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىر ئانتونى ئالبانېسنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇھىم تېما سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە قويۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئاممىۋى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان «مامۇتجاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ 2015-يىلدىن بېرى، ئايالى ۋە پەرزەنتىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى»، بۇ كىشىلەر «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى سەۋەبلىك يىللاردىن بېرى ئائىلىسى بىلەن ئايرىلىپ ياشاۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى چەت ئەلدە، لاگېردا ياكى تۇتقۇندىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى، ھەتتا ب د ت نىمۇ چۆچۈتكەن.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تىبەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئالبانېسنىڭ خىتاي زىيارىتى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەمگەك پارتىيەسى ھۆكۈمىتىگە «بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىۋېتىش ھەرىكىتىنى قايتا تەكرارلاشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى» ئىكەن. چاقىرىقتا، بۇ ئارقىلىق «بىز ياڭ خېڭچۈنگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى، مامۇتجاندەك ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا ياردەم قىلالايمىز» دېيىلگەن.