خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنيا مىقياسىدا ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقاندا ياۋروپادىكى لىتۋا جۇمھۇرىيىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى رېئاللىققا قاراپ چىقىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«بالتىق خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، غەرپ دۇنياسىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش دولقۇنىغا ئاۋاز قوشۇش ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىش يۈزىسىدىن لىتۋا پارلامېنتى بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان. لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دوۋىلىي شاكالىنا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقۇرقى سۆزلەرنى قىلغان ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەتنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشتەك بۇنداق قىلمىشى بىزنى قاتتىق چۆچۈتتى» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا شاكالىنا خانىمنى «ئىمبارگو» قويۇلىدىغان چەت ئەللىكلەر تىزىملىكىگە قوشقان ھەمدە ئۇنىڭغا «تولىمۇ كەسكىن ئىبارىلىك مەكتۇپ» ئەۋەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى 22-ئاپرېلدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر ۋە لاگېر شاھىدلىرى گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لىتۋا جۇمھۇرىيىتى گوللاندىيەدىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغان ئىككىنچى ياۋروپا دۆلىتى ھېسابلىنىدىكەن.
