ما شىڭرۈي قەشقەردە «باشقۇرۇشنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر شەخسكە قەدەر كونكرېتلاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.01.13

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 11-يانۋار ئۇيغۇرلار قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تەكشۈرۈشتە بولغان ھەمدە ئاساسىي قاتلامغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

ما شىڭرۈينىڭ كۆرسىتىشىچە، رايوندىكى ئاساسىي قاتلام تارماقلىرى «باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ھەر بىر ئائىلە ۋە ھەر بىر شەخسكە قەدەر كونكرېتلاشتۇرۇشى كېرەك» ئىكەن. بۇ ما شىڭرۈينىڭ ئۆتكەن ھەپتە خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولۇشىنىڭ ئارقىسىدىن قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىدىمۇ تەكشۈرۈشتە بولۇشىدۇر. ئۇ خوتەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندىمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئورگانلىرى بىلەن ساقچىخانىلارنى كۈچەيتىپ، ئاۋامغا، يەنى ئاساسىي قاتلامدىكى يەرلىك خەلققە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

 «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 12-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۈي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىسار بازىرىغا قاراشلىق ئىگىلىك تىكلەش ئاھالىلەر كومىتېتى (ئىجتىمائىي رايونى) دا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق دېگەن: «ئاساسىي قاتلام ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر كىشىگە قەدەر كونكرېتلاشتۇرۇش كېرەك».

ما شىڭرۈينىڭ جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈشتە بولۇشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازىرى يېڭى يىل ۋە خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا پۈتكۈل رايون مىقياسىدا «قىشلىق ئوپېراتسىيە» ھەرىكىتى قوزغاپ، رايوندىكى «بىخەتەرلىكى مۇرەككەپ ساھەلەر» گە قارىتا نىشانلىق تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار، «قىشلىق ئوپېراتسىيە» خىتاينىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نىشانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ما شىڭرۈينىڭ يېڭىساردا ج خ تارماقلىرىغا بەرگەن يوليورۇقىدا، ساقچى كۈچلىرىنىڭ مەھەللە ۋە كەنتلەردىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈي يېڭىسار بازارلىق ساقچى پونكىتىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شەھەر ۋە ناھىيەلىك ج خ ئىدارىلىرىنىڭ ساقچى كۈچلىرىنى يېزا-بازارلاردىكى ساقچىخانىلارغا، يېزا-بازارلىق ساقچىخانىلارنىڭ ساقچى كۈچلىرىنى كەنت ۋە ئەڭ كىچىك ئىجتىمائىي رايونلارغىچە مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچى كۈچلىرىنىڭ «مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەرنى نازارەت قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا پۇختا، تەپسىلىي بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.